باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگوخەلقئارا جەمئىيەتنىڭ شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىگە زەربە بېرىشنى قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى

2014.09.18 11:11         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خوڭ لېي 17-سېنتەبىر مۇنداق دېدى: شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىگە زەربە بېرىش-خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ تەركىبى قىسمى، بىز خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ جۇڭگونىڭ شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى تېررورلۇق كۈچلىرىگە زەربە بېرىشىنى چۈشەنگەنلىكى ۋە قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمىز. شۇ كۈنكى قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىدا، مۇخبىر خەۋەرگە قارىغاندا ھىندونېزىيە ساقچىلىرى يېقىندا تېررورلۇق ھەرىكىتى بىلەن گۇمان قىلغان جۇڭگولۇق تۆت ئۇيغۇرنى قولغا ئېلىپتۇ، بۇنىڭغا ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى دەپ بېرەمسىز، جۇڭگو بۇ ھەقتە ھىندونېزىيە بىلەن ئۇچراشتىمۇ-يوق دەپ سورىغاندا خوڭ لېي مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تەكشۈرۈۋاتىدۇ، جۇڭگو خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، تېررورلۇق كۈچلىرىگە بىرلىكتە زەربە بېرىپ، رايون ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداشنى خالايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر