باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقى تور بېكىتى سەككىز بەلگىلىمىگە خىلاپ 170 دېلو ھەققىدە ئومۇمىي مەلۇمات بەردى

2014.09.01 16:56         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-سېنتەبر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقى تور بېكىتى 31-ئاۋغۇست سەككىز بەلگىلىمىگە خىلاپ 170 تىپىك دېلو ھەققىدە ئومۇمىي مەلۇمات بەردى، بۇ دېلولارنى 25-ئاۋغۇستتىن 31-ئاۋغۇستقىچە ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئورگانلىرى تەكشۈرۈپ بىرتەرەپ قىلغان بولۇپ، يېقىندىن بۇيان مەزكۇر تور بېكەتتە ئۇدا 4-ھەپتە ئېلان قىلىنغان مەركەزلىك ئومۇمىي مەلۇمات ھېسابلىنىدۇ.

  بۇ دېلولار ئاساسلىقى ھۆكۈمەت پۇلىغا ساياھەت قىلىش، ھۆكۈمەت پۇلىغا مال سېتىۋېلىش كارتىسى ئېلىش، ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلىنى قائىدىگە خىلاپ ئىشلىتىش، قائىدىگە خىلاپ تولۇقلىما ۋە پاراۋانلىق پۇلى تارقىتىش، توي-تۆكۈنلەرنى ھەشەمەتلىك ئۆتكۈزۈش، ھۆكۈمەت پۇلىغا چوڭ يەپ، چوڭ ئىچىش، خىزمەت ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلىش، ھۆكۈمەت پۇلىغا ئايتوقاچ سېتىۋېلىش، قائىدىگە خىلاپ مۇراسىملارغا قاتنىشىش ۋە يۇقىرى ئىستېماللىق كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىش، ئۆز ئالدىغا «كىچىك خەزىنە» تەسسىس قىلىش، سوۋغا-سالام بېرىش ۋە قوبۇل قىلىش قاتارلىقلارغا چېتىلىدۇ.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر