باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالتە ئۆلكىدىكى دائىمىي كومىتېت ئەزالىرىنىڭ ۋەزىپىسى تەڭشەلدى، كۆپلىگەن شەھەرلەرنىڭ بىرىنچى قول رەھبىرى يېڭىلاندى

2014.09.01 16:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-سېنتەبر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇ بىر ھەپتىدە، ھەرقايسى جايلاردا كادىرلارنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش-ۋەزىپىدىن قالدۇرۇش ئىشلىرى بىرقەدەر كۆپ ئېلىپ بېرىلدى، ئالتە ئۆلكىدىكى دائىمىي كومىتېت ئەزالىرى تەڭشەلدى؛ بېيجىڭ شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ياڭ شياۋچاۋ بېيجىڭ شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا تەيىنلەندى؛ خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، خاربىن شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى لىن دۇ لياۋنىڭ ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىلىقىغا تەيىنلەندى، ۋاڭ جۈنليەن لياۋنىڭ ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىلىق ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى؛ لياۋنىڭ ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ باش كاتىپى چېن چاۋيىڭ خېبېي ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىلىقىغا تەيىنلەندى، زاڭ شېڭيې خېبېي ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىلىق ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى؛ شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى دېڭ شياڭياڭ ئەنخۇي ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا تەيىنلەندى، ئەنخۇي ئۆلكىلىك پارتكوم بەنزىسى 23 نەپەر دائىمىي كومىتېت ئەزاسىنى تولۇقلىدى؛ تيەنجىن شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى رېن شۆفېڭ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گۇاڭجوۋ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىلىقىغا تەيىنلىنىپ، گۇاڭجوۋ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسىنى مۇشۇ ئۆلكىدىكى ئەمەلدارلاردىنلا تاللايدىغان «ئادەت» بۇزۇپ تاشلاندى.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر