باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«تىنچلىق بۇرچى-2014» ناملىق بىرلەشمە تېررورلۇققا قارشى ھەربىي مانىۋېر جۇرۇخې مەشىق بازىسىدا ئۆتكۈزۈلدى

2014.08.27 10:35         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ «تىنچلىق بۇرچى-2014» ناملىق بىرلەشمە تېررورلۇققا قارشى ھەربىي مانىۋېرى تۈنۈگۈن ئىچكى موڭغۇل تەۋەسىدىكى جۇرۇخې مەشىق بازىسىدا باشلىنىپ، يولغا قويۇلۇش باسقۇچىغا كىردى. چۈشتىن بۇرۇن سائەت توققۇزدا، قازاقىستان، جۇڭگو، قىرغىزىستان، رۇسىيە ۋە تاجىكىستاننىڭ ھەربىي ئوركېستىر ئۆمىكى دۆلەتلىرىنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئورۇنداپ، ئۆزلىرىنىڭ دۆلەت بايرىقىنى چىقاردى. ئارقىدىن، بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرىنىڭ باش رېژىسسورى، ئازادلىق ئارمىيەنىڭ مۇئاۋىن باش شىتاب باشلىقى گېنېرال لېيتېنانت ۋاڭ نىڭ بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرىنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى ھەم جەڭ قىلىش يوليورۇقىنى يەتكۈزۈپ، بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرىنىڭ يولغا قويۇلۇش باسقۇچىغا كىرگەنلىكىنى ئۇقتۇردى. شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، قوماندانلىق ئاپپاراتىنى ئېچىش مانېۋىرى ئۆتكۈزۈلدى، بىرلەشمە جەڭ قىلىشقا قوماندانلىق قىلىش قىسمىنىڭ قوماندانى، بېيجىڭ ھەربىي رايونىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانى گېنېرال لېيتېنانت جىڭ جۇەنفۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رامكىسى ئىچىدە ئۆتكۈزۈلگەن بەش قېتىملىق ھەربىي مانېۋىر ئىچىدە، بۇ قېتىمقى بىرلەشمە مانېۋىرىنىڭ بىرلىشىش، ئۇيۇشۇشچانلىقى ئىلگىرىكىدىن ناھايىتى يۇقىرى بولدى. ئۇ يەنە مۇنۇلارنى ئاشكارىلىدى: بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر جەريانىدا بەزىبىر يېڭى جابدۇقلار كۆرسىتىلدى، ئۇچۇرلىشىش دەرىجىسى يۇقىرى بولدى، مانېۋىرغا قاتناشقان ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئۇچۇردىن تەڭ بەھرىمەن بولۇشىغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر