- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
چاۋشيەن ۋەكىلى ب د ت دا ئامېرىكا بىلەن كورىيەنىڭ ھەربىي مانىۋېرىنى ئەيىبلىدى
2014.08.27 10:32 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
چاۋشيەننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق مۇئاۋىن ۋەكىلى لى دوڭرى تۈنۈگۈن مۇنداق دېدى: ئامېرىكا بىلەن كورىيە ئۆتكۈزۈۋاتقان بىرلەشمە مانېۋىر «تامامەن تاجاۋۇزچىلىق خاراكتېرى»غا ئىگە، چاۋشيەن تېخىمۇ كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ بۇنىڭغا تاقابىل تۇرىدۇ.
لى دوڭرى مۇنداق دېدى: ئامېرىكا بىلەن كورىيە ئۆتكۈزۈۋاتقان بىرلەشمە مانېۋىر «تامامەن تاجاۋۇزچىلىق خاراكتېرىغا ئىگە يادرو ئۇرۇشى مانېۋىرى». چاۋشيەننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىللەر ئۆمىكى 18-ئاۋغۇست مانېۋىر باشلانغان كۈنى رەسمىي شەكىلدە خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە خەت يېزىپ، بۇ ھەقتە جىددىي يىغىن ئېچىشنى تەلەپ قىلدى، لېكىن ھازىرغىچە ھېچقانداق رەسمىي شەكىلدىكى جاۋابقا ئېرىشەلمىدى.
لى دوڭرى مۇنداق دېدى: ئامېرىكىنىڭ چاۋشيەن يېرىم ئارىلىدا بىرلەشمە مانېۋىر ئۆتكۈزىۋاتقانلىقىغا 60 يىل بولدى، ئامېرىكا ئارمىيەسى چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ جىددىي ۋەزىيەتنى پەسەيتىش، سۆزلىشىش ۋە ياراشتۇرۇش تىرىشچانلىقىغا ئىزچىل توسالغۇ بولۇپ كەلدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر