باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئورگانلارنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈش ئىسلاھاتنىڭ يارقىن نۇقتىسى بولدى

2014.08.27 10:18         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئورگانلارنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈش-بۇ نۆۋەتلىك ھۆكۈمەت باشلىغان تۇنجى چوڭ ئىش بولدى، بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى ئېچىلغان گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىدا، دۆلەت يەنە بىر قېتىم 87 مەمۇرىي تەستىقلاش تۈرىنى بىكار قىلدى ۋە تۆۋەنگە چۈشۈردى، بۇ تەدبىر بارغانسېرى ئىسلاھاتنىڭ بىر چوڭ يارقىن نۇقتىسىغا ئايلاندى. شەندۇڭ ئۆلكىسى گۇاڭراۋ ناھىيەسى داۋاڭ بازىرىدا، بازارلىق ھۆكۈمەت يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت چۈشۈرۈپ بەرگەن 108 مەمۇرىي تەستىقلاش تۈرىنى ئۆتكۈزۈۋالدى، بازارلىق ھۆكۈمەت كىچىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى، داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىن چوڭى يۈز مىليون يۈەنلىك تۈرلەرگىچە بولغان باھالاش، بېكىتىش ئىشلىرىنى قىلالايدىغان بولدى شۇنداقلا ھۆكۈمەت تەستىقلاش جەريانىنى ئۆزلۈكسىز سەرخىللاشتۇرۇپ، ئىش بېجىرىش ئۈنۈمىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈردى. مەمۇرىي تەستىقلاش ھوقۇقىنى بىكار قىلىش ۋە تۆۋەنگە چۈشۈرۈشتىن سىرت، ئىجازەتلىك كىرىش ئۆتكىلىنى بوشىتىش، كارخانىلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشمۇ ھۆكۈمەتنىڭ ئورگانلارنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈشتىكى يەنە بىر مۇھىم ئىشىغا ئايلاندى. مەملىكەت بويىچە تىجارەت بېجىنى كۆپەيمە قىممەت بېجىغا ئۆزگەرتىش سىنىقى كېڭەيتىلىپ، مەمۇرىي ئىش خاراكتېرلىك 348 ھەق يىغىش تۈرى بىكار قىلىنىپ ۋە كەچۈرۈم قىلىنىپ، كارخانىلارنىڭ 150 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق يۈكى يېنىكلىتىلدى؛ سودا-سانائەتتە تىزىملاش تۈزۈمى ئىسلاھاتى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، بازارلارنىڭ يۈكى يېنىكلىتىلىپ، كارخانىلارنىڭ ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇتۇلدى، مەملىكەت بويىچە يېڭىدىن رويخەتكە ئېلىنغان كارخانا %27.6 كۆپەيدى، خەلق ئارىسىدىكى مەبلەغ سېلىش نىسبىتى %63 كە يەتتى. ئورگانلارنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈش-گوۋۇيۈەننىڭ ھەر قايسى تارماقلىرىدىمۇ كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈلدى. بۇ يىل 3-ئايدا، گوۋۇيۈەننىڭ 60 تارمىقى، 1235 مەمۇرىي تەستىقلاش تۈرى تۇنجى قېتىم توردا جەمئىيەتكە جاكارلىنىپ، ئاممىنىڭ نازارىتى قوبۇل قىلىندى؛ تەستىقلاشنى باشقۇرۇشتىكى مەمۇرىي ئىجازەتسىز تەستىقلاش تۈرلىرىنى ئېنىقلاش خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك باشلاندى، دۆلەت قاتلىمىدىكى سەلبىي تىزىملىك تۈزۈمىگىمۇ تۇتۇش قىلىندى، يولغا قويۇلغان ھامان، تىزىملىكتە كۆرسىتىلگەن مەبلەغ سېلىشنى باشقۇرۇش كەسىپلىرى، ساھەلىرىگە چەكلىمە قويۇش ۋە تىزگىنلەشتىن سىرت، تۈرلۈك بازار ئاساسىي گەۋدىلىرىمۇ قانۇن بويىچە باراۋەر قاتنىشالايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر