باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت شىنجاڭنىڭ خەلق تۇرمۇشىنى نۇرغۇن مەبلەغ بىلەن قوللىدى

2014.08.27 10:17         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، مەركەز خامچوتىدىن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىجتىمائىي ئىشلىرىغا ئۈچ مىليارد 16 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.5 ئاشتى. بۇ مەبلەغ ئاساسلىقى شىنجاڭنىڭ نامرات جايلىرىنىڭ ئاساسىي مائارىپى ۋە داۋالاش، ساقلىق ساقلاش سىستېما قۇرۇلۇشىغا ئىشلىتىلدى.

  مائارىپ جەھەتتە، شىنجاڭ مەركەز خامچوتىدىن بىر مىليارد 687 مىليون يۈەننى ئەمەلىيلەشتۈردى. بۇ مەبلەغ توققۇز مەخسۇس قۇرۇلۇشقا سېلىنىدۇ، بۇلار شىنجاڭنىڭ مەخسۇس يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپى قوش تىل ياتاقلىق مەكتەپلىرى، ئوتتۇرا، غەربىي رايون يېزىلىرىنىڭ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ بىنالىرىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى، مىللىي رايونلاردىكى مائارىپ ئاساسى ئاجىز ناھىيەلەردىكى ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  داۋالاش، ساقلىق ساقلاش ۋە ئاممىۋى سەھىيە مۇلازىمىتى ساھەسىدە، شىنجاڭ مەركەز خامچوتىدىن 853 مىليون يۈەننى ئەمەلىيلەشتۈردى. بۇ مەبلەغنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا، شىنجاڭنىڭ داۋالاش، ساقلىق ساقلاش سىستېمىسى تېخىمۇ مۇكەممەللىشىپ، ئۇنىۋېرسال دوختۇرخانا، ئانا-بالىلار ساقلىق ساقلاش، يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنىڭ خەتىرىنى تەكشۈرۈش سىستېمىسى، ناھىيە دەرىجىلىك كېسەللىكتىن ساقلىنىش، تىزگىنلەش مەركىزى قاتارلىق 13 جەھەتنى قاپلايدۇ.

  ئاممىۋى مەدەنىيەت تورىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن، شىنجاڭ مەركەز خامچوتىدىن 278 مىليون يۈەننى ئەمەلىيلەشتۈردى. بۇ جەھەتتىكى ئاساسلىق تۈرلەر-رادىيو، تېلېۋىزىيەنى ھەممە كەنتكە يەتكۈزۈشتىكى ئېگىز تاغلارغا سىمسىز تارقىتىش ئىستانسىسى قۇرۇش، ئاپتونوم رايونلۇق كۇتۇپخانىنى 2-باسقۇچلۇق كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شىنجاڭ مەركەز خامچوتىدىن 200 مىليون يۈەننى ئىجتىمائىي كۈتۈنۈش، مەھەللە مۇلازىمىتى، بالىلار پاراۋانلىق ئورگىنى، ئاساسىي قاتلام پىلانلىق تۇغۇت ئىشلىرى، ناھىيە دەرىجىلىك ئاممىۋى تەنتەربىيە مەيدانى، مېيىپلارنى ساقايتىش مەركىزى قاتارلىق تۈرلەرگە ئىشلىتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر