باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېكىتىدە يەنە بىر تۈركۈم دېلولار ئېلان قىلىندى

2014.08.27 10:16         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقىنىڭ تورىدا يېقىندا 18-ئاۋغۇستىن 24-ئاۋغۇستقىچە بولغان ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش تارماقلىرى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغان مەركەزنىڭ 8 بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپ 153 دېلو ئېلان قىلىندى. ئېلان قىلىنغان 29 رايون ۋە ئورۇننىڭ دېلوسىدا، خۇبېي ئۆلكىسى ئېلان قىلغان 16 دېلونىڭ ھەممىسى قائىدىگە خىلاپ ھالدا تۆي-تۆكۈن، توغۇلغان كۈن زىياپىتى قاتارلىق ھەر خىل مەرىكىلەرنى كاتتا ئۆتكۈزۈش دېلوسى بولۇپ، ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغۇچىلارغا مەمۇرىي ئاگاھلاندۇرۇش، پارتىيە ئىچىدە ئاگاھلاندۇرۇش، پارتىيە ئىچىدە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش قاتارلىق جازالار بېرىلدى. شىزاڭ ئاپتونۇم رايونى ئېلان قىلغان 30 دېلو ئىچىدىكى 23 دېلو خىزمەت ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلىش دېلوسى بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى 19 دېلو خىزمەت ۋاقتىدا ئۆز ئىختىيارىچە ئايرىلىش، ئېشقا بارماسلىق ياكى ئىشتىن چىكىنىش دېلوسى، ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغۇچىلارغا خىزمەتتىن چېكىندۈرۈش، مەمۇرىي ئاگاھلاندۇرۇش، مەمۇرىي گۇناھ يېزىش، مەمۇرىي ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش، مەمۇرىي جەھەتتە چوڭ گۇناھ يېزىش جازاسى بېرىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر