باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو بىلەن موڭغۇلىيە ھاۋا يولى قىستاڭچىلىقىنى ھەل قىلىش جەھەتتىن ھەمكارلىشىدۇ

2014.08.26 13:03         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو بىلەن موڭغۇلىيە خەلق ئاۋىياتسىيە ھاۋا يولى باشقۇرۇش ئورۇنلىرى بۇ يىللىق جۇڭگو-موڭغۇلىيە ھاۋا يولى باشقۇرۇشنى ماسلاشتۇرۇش يىغىنى ئاساسىدا، بۇ يىل 18-سېنتەبىردىن تارتىپ، ئۇلانباتۇر رايونى ھاۋا يولى باشقۇرۇش مەركىزى بىلەن بېيجىڭ رايونى ھاۋا يولى باشقۇرۇش مەركىزى، كۆكخوت رايونى تىزگىنلەش ئىشخانىسى ھەم لەنجۇ رايونى تىزگىنلەش ئىشخانىسىنىڭ ھاۋا يوللىرىنى تىزگىنلەشنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشتىكى ئارىلىق ئۆلچىمىنى نۆۋەتتىكى 90 كىلومېتىردىن 30 كىلومېتىرغا تارايتىشنى كېڭىشىپ بېكىتتى ھەم يېڭى تىزگىنلەش خىزمىتى كېلىشىمىنى ھاسىل قىلدى. بۇ تەدبىر جۇڭگو بىلەن موڭغۇلىيەنىڭ نۇرغۇن خەلقئارا ھاۋا يوللىرىنى تۇتاشتۇرىدۇ. بۇ قېتىم جۇڭگو بىلەن موڭغۇلىيە ئوتتۇرىسىدىكى رادار بىلەن تىزگىنلەشنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشتىكى ئارىلىق تارايغاندىن كېيىن، بېيجىڭ پايتەخت ئايرودۇرۇمى، شاڭخەي پۇدۇڭ ئايرودۇرۇمى، گۇاڭجۇ بەييۈن ئايرودۇرۇمى، شېنجېن باۋئەن ئايرودۇرۇمى، كۆكخوت بەيتا ئايرودۇرۇمى، لەنجۇ جوڭچۈەن ئايرودۇرۇمى، شياڭگاڭ ئايرودۇرۇمى قاتارلىق دۆلەت ئىچىدىكى ئايرودۇرۇملار ھەم سىنگاپور قاتارلىق دۆلەتلەردىكى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئايرودۇرۇملىرى، ياپونىيە، كورىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى شەرقىي شىمالىي ئاسىيا ئايرودۇرۇملىرىنىڭ ياۋروپاغا بېرىپ كېلىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانلىرى بۇنىڭدىن نەپكە ئېرىشىپ، ھاۋا يولىدىكى قىستاڭچىلىق ئۈنۈملۈك پەسىيىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر