- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى: قىسمەن يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلار مەمۇرى ۋەزىپىسىگە ئەھمىيەت بېرىپ پارتىيە ئىچىدىكى ۋەزىپىسىنى ئۇنتۇپ قالدى
2014.08.25 15:34 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، مەمۇرىي تەپتىشلىك مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېكىتى بۈگۈن «پارتىيە ئېڭىنىڭ سۇسلىشىپ كېتىشى ئاساسىي مەسئۇلىيەت ئورنىنىڭ بوش قىلىشىدىكى تۈپ سەۋەب» ناملىق مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىنى ئېلان قىلدى، ماقالىدە پارتىيە ئېڭى پارتىيەۋىلىكنىڭ مەركەزلىك ئىپادىلىنىشى، ئاساسىي مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ مۇھىم شەرتى، دەپ ئالاھىدە تەكىتلەندى. بىر قىسىم رەھبىرىي كادىرلاردىكى پارتىيە ئېڭىنىڭ سۇسلىشىپ كېتىش مەسىلىسى پارتىيەمىز جىددىي ھەل قىلىشقا تېگىشلىك چوڭ مەسىلە. پارتىيە ئېڭى سۇسلىشىپ كەتسە، تەشكىلدە چېچىلاڭغۇلۇق، ئىنتىزامدا بوشىشىش كۆرۈلۈپ، پارتىيە تەشكىلىنىڭ ئاۋانگارتلىق روھى ئاجىزلاش، پارتىيە خىزمىتىنىڭ ئاساسى تەۋرەشتەك ئەھۋاللار يۈز بېرىدۇ.
ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى، بەزى پارتىيەلىك رەھبىرى كادىرلار، ھەتتا يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلار ئۆزىنىڭ مەمۇرىي ۋەزىپىسىگىلا ئەھمىيەت بېرىپ، پارتىيە ئىچىدىكى ۋەزىپىسىنى ئۇنتۇپ قالىدىغان، ھە دېسە «مەن كەسپىي خادىم» دەپ تۇرۇۋالىدىغان بولۇپ قالدى. ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدىن سىرت پارتكوم، خەلق قۇرۇلتىيى، سىياسىي كېڭەش، دۆلەت ئىلىكىدىكى كارخانا ۋە كەسپىي ئورۇنلاردىكى پارتىيەلىك كادىرلارمۇ ئەمەل نامىنى ئاتاشقا ئادەتلىنىپ كەتتى، ئۆزىنى «ئەمەل» بىلەن تەڭ چاغلاپ، ھاكىمىيەت يۈرگۈزگۈچى پارتىيەنىڭ كادىرى ئىكەنلىكىنى، پارتىيە قائىدە-نىزامىدىكى تەلەپلەرنى ئۇنتۇپ قالدى. بىزنىڭ كادىرلىرىمىز ئالدى بىلەن پارتىيە ئىچىدىكى ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىپ، ئاندىن ئالاقىدار تەرتىپ بويىچە باشقا ۋەزىپىلەرنى ئۆتۈشى كېرەك، شۇندىلا پارتىيە كادىرنى باشقۇرۇش پىرىنسىپى ھەقىقىي گەۋدىلىنىدۇ.
جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر