- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


تاۋۇز چاغىنى ۋە دۆلەت بايرىمىلىق تۆمۈريول يولۇچى توشۇش لايىھەسى ئېلان قىلىندى
2014.08.25 15:12 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو تۆمۈريول باش شىركىتى يېقىندا 2014-يىللىق تاۋۇز چاغىنى ۋە دۆلەت بايرىمىلىق يولۇچى توشۇش خىزمىتى لايىھەسىنى ئېلان قىلدى. بۇ يىل تاۋۇز چاغىنىلىق يولۇچى توشۇش 5-سېنتەبىردىن 8-سېنتەبىرگىچە، جەمئىي 4 كۈن ئېلىپ بېرىلىدۇ. مەملىكەت بويىچە تۆمۈريولدا 31 مىليون 200 مىڭ ئادەم قېتىم يولۇچى توشۇش مۆلچەرلەنگەن بولۇپ، كۈنلۈكى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 7 مىليون 800 ئادەم قېتىم يولۇچى توشۇلىدۇ، ئادەم قېتىم سانى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %12.4 كۆپ بولىدۇ. دۆلەت بايرىمىلىق يولۇچى توشۇش 28-سېنتەبىردىن 7-ئۆكتەبىرگىچە، جەمئىي 10 كۈن ئېلىپ بېرىلىدۇ. مەملىكەت بويىچە تۆمۈريولدا 92 مىليون 700 مىڭ ئادەم قېتىم يولۇچى توشۇش مۆلچەرلەنگەن بولۇپ، كۈنلۈكى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 9 مىليون 270 مىڭ ئادەم قېتىم يولۇچى توشۇلىدۇ، ئادەم سانى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %12.9 كۆپ بولىدۇ.
ئالاقە تورى ۋە تېلېفون ئارقىلىق ئالدىن بېلەت سېتىۋېلىش چېكى 20 كۈن بولۇپ، تۆمۈريول تارماقلىرى كەڭ يولۇچىلارغا سەپەر پىلانىنى بالدۇرراق ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئالدىن بېلەت سېتىۋېلىشنى ئەسكەرتىدۇ.
جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر