باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئازاد رايوندىكى ئارمىيىنىڭ تەسىلىمنى قوبۇل قىلىشىنى رەت قىلىش ئارخىپى ئېلان قىلىندى

2014.08.25 09:26         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەتلىك ئارخىپ ئىدارىسى 23-ئاۋغۇست تور بېكىتىدە ئۇلۇغ غەلبە جۇڭگونىڭ تەسلىمنى قوبۇل قىلىش ئارخىپىدىكى گومىنداڭ ھۆكۈمىتى ئازاد رايونلاردىكى ياپونغا قارشى ئارمىيىنىڭ تەسلىمىنى قوبۇل قىلىشىنى رەت قىلىشى دېگەن 9-توپلىمىنى ئېلان قىلدى.

  توپلامدىكى چۈشەندۈرۈشكە ئاساسلانغاندا، ياپون ئارمىيىسى جۇڭگوغا ئومۇميۈزلۈك تاجاۋۇز ئۇرۇشى قوزغىغاندىن بۇيان، ياپون ئارمىيىسىگە قارشى تۇرغان ۋە يوقاتقان گومىنداڭ ئارمىيىسى بولۇپلا قالماستىن يەنە جۇڭگو كومپارتىيىسى رەھبەرلىكىدىكى دۈشمەننىڭ ئارقا سېپىدىكى قۇراللىق كۈچلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ياپونىيە تەسلىم بولغاندىن كېيىن، جۇڭگو كومپارتىيىسى رەھبەرلىكىدىكى 8- ئارمىيە، يېڭى 4- ئارمىيە ۋە جەنۇبىي جۇڭگودىكى پارتىزانلىق ئەترەتلىرى ياپون ئارمىيىسىنىڭ تەسلىمىنى قوبۇل قىلىش ھەمدە تەسلىمنى قوبۇل قىلىش ئىشلىرىغا ۋەكىل ئەۋەتىشى كېرەك ئىدى. بىراق گومىنداڭ ھۆكۈمىتى ئۇرۇش مۇۋەپپەقىيىتىنى چاڭگىلىغا ئېلىۋېلىش ئۈچۈن، دۈشمەننىڭ ئارقا سېپىنىڭ تەسىلىمنى قوبۇل قىلىشىنى توستى. ئەينى يىلى 13-ئاۋغۇست جۇدې، پېڭ دېخۈەي جياڭ جېيشىغا تېلېگرامما يوللاپ بۇ بۇيرۇقنى قەتئىي رەت قىلىش ھەققانىيەتلىك بولمايلا قالماستىن، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ مىللىي مەنپەئەتىگە خىلاپ، ياپون تاجاۋۇزچىلىرى ۋە ۋەتەنگە ئاسىيلىق قىلغان خائىنلارغا پايدىلىق دېگەن ئىدى. شۇ كۈنى شىنخۇا ئاگېنتلىق ئوبزور ئېلان قىلىپ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جياڭ جيېشىنىڭ ياپونىيەنىڭ تەسلىمىنى قوبۇل قىلىشىنى مونوپول قىلىۋېلىشى ئىچكى ئۇرۇش قوزغاشنى مەقسەت قىلىدۇ. جۇڭگونىڭ ئازاد رايونلىرىدىكى ياپونغا قارشى ئارمىيىنىڭ ياپونىيىنىڭ تەسلىمىنى قوبۇل قىلىش ۋە ھەربىي جەھەتتىن ياپوننى تىزگىنلەش ھوقۇقى بار. ئەينى يىلى 25-ئاۋغۇست جۇڭگو كومپارتىيىسى نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت خىتابنامىسىنى ئېلان قىلىپ، گومىنداڭ ھۆكۈمىتىدىن 8-ئارمىيە، يېڭى 4-ئارمىيە ۋە جەنۇبىي جۇڭگودىكى ياپونغا قارشى ئارمىيىنى ياپونىيىنىڭ تەسلىمىنى قوبۇل قىلىدىغان رايون قىلىپ بېكىتىشى ھەمدە ئۇلارغا ياپونىيىنى بىر تەرەپ قىلىدىغان بارلىق خىزمەتلەرگە قاتنىشىش ھوقۇقى بېرىشىنى تەلەپ قىلدى. بىراق بۇ مۇۋاپىق،توغرا تەلەپ بولسىمۇ گومىنداڭ ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن يولسىزلارچە رەت قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر