باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىز مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى غەربىي ئافرىقىنىڭ ئېبولا يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشىغا ياردەم بېرىدۇ

2014.08.12 09:13         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئېبولا يۇقۇمى غەربىي ئافرىقىدا داۋاملىق يامراپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ يۈكسەك دىققىتىنى قوزغىدى. ئېلىمىز غەربىي ئافرىقىدىكى ئۈچ دۆلەتكە ئەۋەتكەن ئاممىۋى سەھىيە مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى 10-ئاۋغۇست كەچتە ئارقا-ئارقىدىن يولغا چىقتى. يۇقۇمدىن ساقلىنىش بۇيۇملىرى، مۇداپىئە ئەسۋابلىرى ۋە داۋالاش سايمانلىرى قاتارلىق ياردەم ئەشيالىرى بېسىلغان نۆۋەتچى ئايروپىلانمۇ 9-ئاۋغۇست چۈشتىن كېيىن يولغا چىقتى.


  دۆلەتلىك سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى بىلەن جۇڭگو كېسەللىكتىن ساقلىنىش، تىزگىنلەش مەركىزى 10-ئاۋغۇست چۈشتىن كېيىن ئافرىقىغا بارىدىغان ئاممىۋى سەھىيە مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرىنى تەربىيەلىدى ھەم ئۇزىتىپ قويدى. جۇڭگو كېسەللىكتىن ساقلىنىش، تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ يۈ تونۇشتۇرۇپ، بۇ قېتىم غەربىي ئافرىقىدىكى ئۈچ دۆلەتكە جەمئىي توققۇز مۇتەخەسسىس بارىدۇ دېدى.


  ئىگىلىنىشىچە، گىۋىنىيە، لىبېرىيە، سېررالېئون قاتارلىق ئۈچ دۆلەتتە ئېلىمىزنىڭ چەتئەلگە ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتى بار ئىكەن، بۇ قېتىم ئەۋەتكەن ئاممىۋى سەھىيە مۇتەخەسسىسلىرى ئايرىم-ئايرىم بۇ داۋالاش ئەترىتى بىلەن جەم بولۇپ، شۇ جايلارنىڭ يۇقۇمدىن ساقلىنىش خىزمىتىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، تېخنىكا بىلەن قوللاشنى يەنىمۇ كۈچەيتىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر