باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى: «ھۆكۈمەت پۇلىغا ئايتوقاچ سوۋغا قىلغانلار» ھەقىقىي ئىسىم بىلەن ئاشكارىلىنىدۇ

2014.08.11 14:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، مەمۇرىي تەپتىشلىك مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېكىتىدىكى خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: «تۆت خاھىش»نى تۈزەشتە، مۇھىم مەزگىلگە دىققەت قىلىش كېرەك. تاۋۇز چاغىنى ھارپىسىدا، مەركەزنىڭ سەككىز بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى يەنىمۇ ئەمىلىيلەشتۈرۈپ، «تۆت خاھىش»نىڭ قايتا باش كۆتۈرۈشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، مەمۇرىي تەپتىشلىك مىنىستىرلىقى 10-ئاۋغۇست «ھۆكۈمەت پۇلىغا ئايتوقاچ سوۋغا قىلىش» قاتارلىق «تۆت خاھىش» مەسىلىلىرىنى پاش قىلىش مەخسۇس كۆزنىكىنى تەسىس قىلىپ، تەپتىش قىلىش ۋە پاش قىلىش يولىنى راۋانلاشتۇردى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ھەر دەرىجىلىك تەپتىش ئورگانلىرىدىن تەكشۈرۈپ بىرتەرەپ قىلىنغان سەككىز بەلگىلىمىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلىش دېلولىرىنى ھەپتىدە بىر قېتىم ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىشنى تەلەپ قىلدى. بۇ «ماي بايرىمى»دا تەسىس قىلىنغان «تۆت خاھىش» مەسىلىلىرىنى پاش سەھىپىسىدىن كېيىنكى يەنە بىر قېتىملىق ھەپتىدە بىر ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىش تۈزۈمى بولۇپ، نازارەت قىلىش، ئىنتىزام ئىجراسى ۋە سۈرۈشتۈرۈش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ئاگاھلاندۇرۇش ۋە چۆچۈتۈش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، پۇقلارنى پاك-دىيانەتلىك بايرام كەيپىياتى يارىتىپ بېرىشنى مەقسەت قىلىدۇ.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمسىى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر