باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

18-قۇرۇلتايدىن كېيىن ئۆلكە دەرىجىلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈم باشلىقلىرىنىڭ يېرىمى دېگۈدەك ئالماشتۇرۇلدى، شاڭخەيدە 2 قېتىم ئالماشتۇرۇلدى

2014.08.11 14:46         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

   خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 28 ئۆلكە دەرىجىلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈم باشلىقىنىڭ ۋەزىپىگە تەيىنلىنىش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، 3 كىشى تەڭشەلگەن، 8 كىشىنى مەركەز بىۋاسىتە تەيىنلىگەن، 17 كىشى باشقا جايدىن يۆتكەپ كېلىنگەن.

  ئالدىنقى ھەپتە، جياڭسۇ بىلەن شاڭخەينىڭ تەشكىلات بۆلۈم باشلىقلىرى داۋاملىق تەڭشەلدى. بېيجىڭ ياشلار گېزىتى مۇخبىرىنىڭ ئىستاتىستىكا قىلىشىغا قارىغاندا، 18-قۇرۇلتايدىن كېيىن، مەملىكەت بويىچە 14 ئۆلكىنىڭ تەشكىلات بۆلۈم باشلىقلىرى تەڭشەلگەن، شاڭخەيدە ئىككى قېتىم تەڭشەلگەن. خۇبېي، ئەنخۇي، خېيلۇڭجياڭ قاتارلىق ئۈچ ئۆلكىنىڭ تەشكىلات بۆلۈم باشلىقلىرى باشقا ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن، نۆۋەتتە ئورۇن بوش ھالەتتە تۇرماقتا.

  ھازىرغا قەدەر، 19 ئۆلكىنىڭ تەشكىلات بۆلۈم باشلىقلىرى 60-يىللىرى تۇغۇلغانلار بولۇپ، ئومۇمىي ساننىڭ ئۈچتىن ئىككىسىنى ئىگىلىگەن، 60-يىللىرى تۇغۇلغانلار ئۆلكە دەرىجىلىك تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ ئاساسلىق كۈچلىرىگە ئايلانغان. سىچۈەن ئۆلكىلىك پارتكومى تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ 48 ياشلىق باشلىقى فەن رۇيپىڭ ھازىرقى ئەڭ ياش تەشكىلات بۆلۈم باشلىقى بولۇپ قالغان.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى
 مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر