خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ11-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 10-ئاۋغۇست چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10دا، يۈننەن ئۆلكىسىدە لۇديەندىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىدە قازا قىلغان قېرىنداشلار ئۈچۈن ئۆلكە بويىچە تەزىيە بىلدۈرۈلدى. سۈرەتتە يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغان لۇديەن ناھىيە لۇڭتوۋشەن بازىرىدىكى ئاپەتتىن قۇتقۇزغۇچى خادىملار خەلق بىلەن بىرلىكتە ئۈچ مىنۇت سۈكۈتتە تۇرۇپ، يەر تەۋرەشتە قازا قىلغان تۇغقانلىرى ئۈچۈن تەزىيە بىلدۈرمەكتە.خەلق نەزىرى
يۈننەن ئۆلكىسىدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ لۇديەندىكى 6.5 بال يەر تەۋرەش ئاپىتىدە قازا قىلغان قېرىنداشلارغا بولغان چوڭقۇر تەزىيەسىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن، 10-ئاۋغۇست چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10دا، يۈننەن ئۆلكىسىدىكى ھەرقايسى جەڭ سېپىدە ئىشلەۋاتقان خادىملار ۋە خەلق مەيدانى، سودا سارىيى، باغچا، ئاپتوبۇس بېكىتى، پېرىستان، ئايرودۇرۇم قاتارلىق ئاممىۋى سورۇنلاردىكى خادىملار ئۆز جايىدا 3 مىنۇت سۈكۈتتە تۇرۇپ تەزىيە بىلدۈرۈشتى؛ شۇنىڭ بىلەن بىرگە، پۈتۈن ئۆلكە بويىچە ھاۋا مۇداپىئە گۈدۈكى چېلىنىپ، ئاپتوموبىل، پويىز، كېمىلەر 3 مىنۇت گۈدۈك ئۇرۇپ تەزىيە بىلدۈرۈلدى.
جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى