باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئۇنىۋېرسال دوختۇرخانىلارنىڭ داۋالاش مۇلازىمىتى ئىقتىدارى ئۆلچىمى پىكىر ئېلىش نۇسخىسى چىقىرىلدى

2014.07.31 08:50         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەتلىك سەھىيە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى يېقىندا« 2، 3ئا دەرىجىلىك ئۇنىۋېرسال دوختۇرخانىلارنىڭ داۋالاش مۇلازىمىتى ئىقتىدارى ئۆلچىمى» ھەققىدە پىكىر ئېلىش نۇسخىسىنى ئېلان قىلىپ، ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدىكى دوختۇرخانىلاردا يېتىپ داۋالىنىۋاتقان بىمارلارنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى ھەققىدە بەلگىلىمە چىقاردى، بۇ جەمئىيەتتە قىزغىن مۇنازىرە قوزغىدى، سەھىيە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇپ: بۇ كۆرسەتكۈچ يېتەكچىلىك خاراكتېرىگە ئىگە، مەجبۇرلاش تۈسىنى ئالمىغان، دوختۇرخانىلارنىڭ ئېغىر كېسەللەرنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ دېدى.

  «2،3ئا دەرىجىلىك ئۇنىۋېرسال دوختۇرخانىلارنىڭ داۋالىنىش مۇلازىمەت ئىقتىدارى ئۆلچىمى»نىڭ پىكىر ئېلىش نۇسخىسىدىكى دوختۇرخانىلارنىڭ مۇلازىمەت سۈپىتى دېگەن بىرىنچى بەلگىلىمىدە مۇنداق دېيىلدى: 3 ئا دەرىجىلىك دوختۇرخانىلاردا يېتىپ داۋالىنىۋاتقان بىمارلارنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى %0.8دىن يۇقىرى بولماسلىقى، دوختۇرخانىدا يېتىپ ئوپېراتسىيە قىلىنغان بىمارلارنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى ‰1.4دىن يۇقىرى بولماسلىقى، 2 ئا دەرىجىلىك دوختۇرخانىلاردا يېتىپ داۋالىنىۋاتقان بىمارلارنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى ‰4 دىن يۇقىرى بولماسلىقى، دوختۇرخانىدا يېتىپ ئوپېراتسىيە قىلىنغان بىمارلاردىن ئۆلۈش نىسبىتى ‰0.28 دىن يۇقىرى بولماسلىقى كېرەك، ئۆلچەم ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن نۇرغۇن تورداشلار: بۇنىڭدىن كېيىن دوختۇرخانىلار ئۆلۈش نىسبىتىنى كونترول قىلىش ئۈچۈن ئېغىر كېسەللەرنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلارمۇ دەپ ئەندىشە قىلدى، سەھىيە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى داۋالاش ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاۋ مىڭ يېقىندا ئىستانسىمىزدا ئىنكاس قايتۇرۇپ: بۇ دوختۇرخانىلارنىڭ ئېغىر كېسەللەرنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ دېدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر