باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

رەھبەرلەر ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە ئاز دېگەندە بىر قېتىم ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىنىدۇ

2014.07.31 08:43         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىقتىسادىي تەپتىش مەھكىمىسى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى يېقىندا تېلېۋىزىيەلىك تېلېفون يىغىنى ئېچىپ، «پارتىيە-ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى ۋە دۆلەت كارخانىلىرى رەھبەرلىرىنىڭ ئىقتىسادىي مەسئۇلىيىتىنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش بەلگىلىمىسىنى يولغا قويۇشنىڭ تەپسىلىي قائىدىسى» نى رەسمىي ئېلان قىلدى. تەپسىلىي قائىدىدە: مۇھىم ئورۇنلاردىكى رەھبەرلەر ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە ئاز دېگەندە بىر قېتىم ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىنىدۇ، دەپ بېكىتىلدى. ئىقتىسادىي تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى، مەركەز ئىقتىسادىي مەسئۇلىيەتنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش خىزمىتىنى مىنىستىرلىكلەر ئارا ماسلاشتۇرۇش بىرلەشمە كېڭىشىنىڭ تەشەببۇسچىسى ليۇ جيايى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: 2008-يىلىدىن بۇيان، ئىقتىسادىي مەسئۇلىيەتنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش ئارقىلىق، ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىنغان رەھبەرلەر بىۋاسىتە مەسئۇل بولغان مەسىلە بار پۇل سوممىسى 100 مىليارد يۈەن بولدى؛ مەملىكەت بويىچە ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگانلىرى رەھبىرى كادىرلاردىن 220 مىڭ ئادەم قېتىمدىن كۆپرەك ئىقتىسادىي تەپتىش قىلدى، 2580 دىن ئارتۇق كىشى ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ، ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتىش، ۋەزىپىسىنى ئادا قىلالماسلىق، مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش، خىيانەتچىلىك، پارىخورلۇق، دۆلەت مۈلۈكىنى يۇتۇۋېلىش قاتارلىق مەسىلىلەرگە چېتىلدى.

  ليۇ جيايى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: كەلگۈسىدە ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىشتا ئىقتىسادىي مەسئۇلىيىتىنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىشنى نازارەت قىلىش ئومۇملاشتۇرۇلۇپ، نۇقتىلىق رايونلار، تارماقلار، ئورۇنلار ۋە مۇھىم خىزمەت ئورۇنلىرىدىكى رەھبىرىي كادىرلار ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە ئاز دېگەندە بىر قېتىم ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىنىدۇ؛ ئۇسۇل جەھەتتە، ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە ئىقتىسادىي تەتپىش قىلىش بىلەن ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغاندىن كېيىنكى ئىقتىسادىي تەتپىش قىلىشتا چىڭ تۇرىلىدۇ، ئىقتىسادىي مەسئۇلىيىتىنى ئىقتىسادىي تەتپىش قىىلش ۋە باشقا كەسپىي ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش ئۆزئارا بىرلەشتۈرىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر