باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

پارتىيىنى قاتتىق ئىدارە قىلىشتا قىلچە تەۋرەنمەسلىك كېرەك

2014.07.31 08:41         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق گېزىتىنىڭ باش ئىستونىغا پارتىيىنى قاتتىق ئىدارە قىلىشتا قىلچە تەۋرەنمەسلىك كېرەك ماۋزۇلۇق ئوبزورچى ماقالىسى ئېلان قىلىندى.ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: پارتىيە ئىنتىزامى ئالدىدا ھەممە ئادەم باراۋەر، پارتىيە ئىچىدە ئالاھىدە پارتىيە ئەزاسى يوق.جۇيوڭكاڭنى دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش بۇ نۇقتىنى يەنە بىر بىر قېتىم ئىسپاتلىدى. سوتسىيالىستىك جۇڭگودا تۈزۈم قەپىسىنىڭ سىرتىدىكى ھوقۇق مەۋجۇت ئەمەس، پارتىيە ئىنتىزامى ۋە دۆلەت قانۇنىنىڭ سىرتىدا پارتىيە ئەزاسى بولۇشقا ھەرگىز يول قويۇلمايدۇ.ھەر قانداق كىشى قانۇن ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزسە قانۇن بەلگىلىمىلەر بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. پارتىيىلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئەمىلىنىڭ يۇقىرى تۆۋەن بولۇشى، پارتىيىگە كىرگەن ۋاقتىنىڭ ئۇزۇن ياكى قىسقا بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر پارتىيە ئىنتىزامى ۋە دۆلەت قانۇنىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچراپ، پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ تەربىيىسى ۋە نازارىتىنى قوبۇل قىلىشى لازىم.

  ماقالىدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: پارتىيە پارتىيىنى باشقۇرۇشتا ئالدى بىلەن كادىرلارنى ياخشى باشقۇرۇش كېرەك. پارتىيىنى قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ ئاچقۇچى قاتتىق ئىدارە قىلىش. پۈتۈن پارتىيىدىكى يولداشلار جەزمەن ھوشيار بولۇپ، خاتىرجەم شارائىتتا خەۋپ خەتەرنىمۇ ئويلاشتا باشتىن ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ئىنتىزامى دۆلەت قانۇنىدىن ئىبارەت بۇ يىپنى چىڭ باغلاپ، پارتىيىنى قاتتىق باشقۇرۇش تەلىپىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش لازىم.

  ماقالىدە مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئېتىقادى مۇستەھكەم، ئىنتىزامى چىڭ ، ئىستىلى قاتتىق، پاك ئىنتىزامچان بولغان پارتىيە ھەر قانداق ۋاقىتتا مەغلۇب بولمايدۇ. بۇ پارتىيىمىزنىڭ 90 نەچچە يىلدىن بۇيانقى كۈرەش مۇساپىسىنىڭ چوڭقۇر نەتىجىسى، شۇنداقلا پارتىيىمىزنىڭ باشتىن ئاخىر چىڭ تۇرۇدىغان ئىلغارلىقىنىڭ تۈپ تەلىپى. ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىياتى، ئىشلارنىڭ ئىلگىرىلىشى، خەلقنىڭ ئۈمىدى ئالدىدا پۈتۈن پارتىيىدىكى يولداشلار ئىدىيىسىنى باشتىن ئاخىر مەركەزنىڭ روھى ئاساسىدا ئاڭلىق بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پارتىيىۋى تەربىيىنى كۈچەيتىپ، ئىدىيىۋى ئېتىقادىنى چىڭىتىپ، قانۇنغا قاتتىق بوي سۇنۇشى كېرەك. ئىنتىزامنى قاتتىق چىڭىتىپ، بارلىق ناتوغرا ئىستىللارغا يۈرەكلىك قارشى تۇرۇپ، پارتىيىمىزنى بارغانسېرى يېتىلدۈرۈشىمىز، بارغانسېرى كۈچەيتىشىمىز، بارغانسېرى جەڭگىۋارلىقىنى ئاشۇرۇشىمىز لازىم.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر