باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

1-ئايدىن 5-ئايغىچە دۆلەت ئىلكىدىكى كۆمۈركان كارخانىلىرىنىڭ زىيىنى%70 گە يەتتى

2014.07.31 08:40         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەتلىك كۆمۈركان بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى سوڭ يۈەنمىڭ گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 29-ئىيۇل ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ يىل 1-ئايدىن 5-ئايغىچە دۆلەت ئىلكىدىكى كۆمۈركان كارخانىلىرىنىڭ زىيىنى%70 گە يەتتى؛ ئەگەر داۋاملىشىۋەرسە بۇ كارخانىلاردا ئېغىر ھادىسىلەر يۈز بېرىش خېيىم خەتىرى زورىيىدۇ.

  سوڭ يۈەنمىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كارخانىلارنىڭ داۋاملىق زىيان تارتىشى كۆمۈركان بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش سېلىنمىسى يېتەرلىك بولماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.قىسمەن زۆرۈر بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى يېتىشەلمەيۋاتىدۇ.شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا،كارخانىلارنىڭ ئۈنۈمى ياخشى بولمىغانلىقتىن قىسمەن كان ئىشچىلىرى، تېخنىك تايانچلىرى، باشقۇرغۇچىلارنى ساراسىمىگە چۈشۈرۈپ قويۇپ، ھادىسە خېيىم خەتىرىنى بەلگىلىك دەرىجىدە كۆپەيتتى.

  بۇ يىل ئالدىنقى يېرىم يىلدا كۆمۈركان بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش ئىدارىسى ئىقتىدارىدىن ئاشۇرۇپ ئىشلەپچىقىرىش ئېغىر بولغان دۆلەت ئىلكىدىكى كۆمۈر كان كارخانىلىرىنى بىر قېتىم باشقا جايدا گىرەلەشتۈرۈپ قانۇننى ئىجرا قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرىدۇ ھەمدە دۆلەتلىك تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى، دۆلەتلىك ئېنېرگىيە ئىدارىسى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار بىلەن ماسلىشىپ كۆمۈر كەسپىنىڭ قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر