باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئېلىمىزنىڭ ئېلېكترونلۇق سودىسى داۋاملىق تىز تەرەققىي قىلدى

2014.07.31 08:38         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سودا مىنىستىرلىقى 29-ئىيۇل مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئېلىمىزنىڭ ئېلېكترونلۇق سودىسى داۋاملىق تىز تەرەققىي قىلدى؛ بازار كۆلىمى ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى.

  توردا ئىستېمال قىلىدىغان ئامما تىز سۈرەتتە كۆپەيدى. تەتقىقات ئاپپاراتلىرىنىڭ دەسلەپكى مۆلچەرىگە قارىغاندا، ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئېلىمىزنىڭ ئېلېكترونلۇق سودا سوممىسى 5 تىرىليون 660 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %30.1 ئاشقان. توردا پارچە سېتىش تىجارەت سوممىسى بىر تىرىليون 100 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %33.4، يېرىم يىللىق سېلىشتۇرما نىسبىتى %7.9 ئاشقان؛بۇ يېرىم يىللىق ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرى پارچە سېتىلىش سوممىسىنىڭ %8.4 گە تەڭ. ئېلېكترونلۇق سودا ئېلىمىزدىكى مۇھىم ئىجتىمائىي ئىقتىسادىي شەكىل ۋە ئوبوروت ئۇسۇلىغا ئايلىنىپ، خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا كۈنسايىن مۇھىم رول ئوينىماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر