باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بۇ يىل يايلاق قوغداشقا جەمئىي 3 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىندى

2014.07.30 15:08         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:مۇخبىر يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقىدىن مۇنۇلارنى ئىگىلىدى: يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقىنىڭ ئەڭ يېڭى تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل 6-ئايدا مەملىكەت بويىچە %83 تەبئىي يايلاق ئادەتتىكى يىللارغا قارىغاندا ياخشى بولغان ياكى ئوخشاش بولغان.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، 2011-يىلدىن باشلاپ، دۆلىتىمىزدە ئوتلاق چارۋىچىلىق رايونىدا ئوتلاق ئېكولوگىيەسى تولۇقلىما پۇلى بېرىش سىياسىتى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، سىياسەت 13 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون) دىكى بارلىق چارۋىچىلىق رايونى، يېرىم چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ناھىيەلەرنى قاپلىغان بولۇپ، 2013-يىللىق سىياسەت مەبلىغى 15 مىليارد 946 مىليون يۈەنگە يەتكەن، مەملىكەت بويىچە 1 مىليارد 230 مىليون مو يايلاقتا چارۋا بېقىش چەكلىنىپ ئوتلاق قوغدالغان، 2 مىليارد 610 مىليون مو يايلاقتا ئوت-چۆپ بىلەن چارۋىنىڭ تەڭپۇڭ بولۇشى ئىشقا ئاشۇرۇلغان.

  بۇ يىل يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى بىلەن 2014-يىللىق ئوتلاق قوغداش قۇرۇلۇشى بويىچە چوڭ-چوڭ قۇرۇلۇش تۈرلىرى پىلانىنى تۈزۈپ، مەركەز مالىيەسىدىن جەمئىي 3 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىپ، يايلاق چىتلاقلىرى، سۈنئىي چۆپلۈك، ئوت-چۆپ بازىسى، سىلوس ئورىكى قاتارلىقلارنى ياسىدى، 16 مىليون مو ناچار ئوتلاقنى ياخشىلىدى، 138 مىڭ 400 باقمىچىلىق ئائىلىسى ئۈچۈن يۈرۈشلۈك قوتان ياساپ بەردى.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

   مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر