باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى: پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىشتىن قەتئىي تەۋرەنمەسلىك كېرەك

2014.07.30 14:12         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جوۋ يۇڭكاڭنىڭ ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىقىغا قارىتا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نىزامنامىسى» ۋە «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئورگىنى دېلولىرىنى تەكشۈرۈش خىزمەت نىزامى»دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ج ك پ مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ دېلو ئېچىپ تەكشۈرۈشىنى قارار قىلدى. مەركەزنىڭ بۇ قارارى پارتىيەمىزنىڭ ئۆزىنى پاكلاش، ئۆزىنى يېڭىلاشتىكى سىياسىي جاسارىتى، «دۆلەت ئىدارە قىلىشتا ئاۋۋال پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتا جەزمەن قاتتىق بولۇش»تەك قەتئىي ئىرادىسىنى نامايان قىلدى.

  پارتىيە ئىنتىزامى ئالدىدا ھەممە ئادەم باراۋەر، پارتىيە ئالاھىدە ئەزا يوق. جوۋ يۇڭكاڭنى دېلو ئېچىپ تەكشۈرۈش بۇ نۇقتىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدى. سوتسىيالىستىك جۇڭگودا تۈزۈم قەپىسىدىن مۇستەسنا ھوقۇق يوق، پارتىيە ئىنتىزامى، دۆلەت قانۇنىدىن مۇستەسنا پارتىيە ئەزاسىنىڭ بولۇشىغا قەتئىي يول قويۇلمايدۇ. قانۇن-ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغان ھەرقانداق ئادەم قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار ۋەزىپىسىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىكى، پارتىيە ئىستاژىنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، پارتىيە ئىنتىزامى ۋە دۆلەت قانۇنىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدۇ، پارتىيە تەشكىلىنىڭ تەربىيەسى ۋە نازارىتىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك. نەپسى يوغىناپ، خىزمەت ھوقۇقىنى قالايمىقان ئىشلىتىپ، شەخسىي مەنپەئىتىنى كۆزلىگەنلەر ھامىنى موللاق ئاتىدۇ، ھەتتا قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزۈش پاتقىقىغا پېتىپ قالىدۇ. بۇ ھەقتە ھېچكىم تەلەي سىنىمىسۇن، «چاتاق چىقماسلىق» نىسبىتىنى ھېسابلاپ ئولتۇرمىسۇن؛ قانۇن-ئىنتىزامنى كۆزگە ئىلماي، «بىخەتەر ئىشكاپ»قا كىرىۋېلىشنى ھېچكىم خام خىيال قىلمىسۇن.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر