باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

گېرمانىيە، گوللاندىيە، ئاۋسترىيە لىۋىيەدىكى ئەلچىخانىلىرىنى ۋاقىتلىق تاقايدىكەن

2014.07.30 09:08         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  لىۋىيە تاراتقۇلىرىنىڭ 27-ئىيۇلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، گېرمانىيە، گوللاندىيە، ئاۋسترىيە لىۋىيەدىكى باش ئەلچىخانىلىرىنى ۋاقىتلىق تاقاشنى قارار قىلغان، ئەلچىخانىلارنى تاقاش ۋاقتى بۇ دۆلەتلەر پۇقرالىرى لىۋىيەدىن چېكىنگەندىن كېيىن بېكىتىلىدىكەن. خەۋەردە ياۋروپادىكى باشقا دۆلەتلەرمۇ لىۋىيەدىكى ئەلچىخانىلىرىنى تاقىشى مۇمكىن دېيىلدى. گېرمانىيە، گوللاندىيە، فىرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر 27-ئىيۇل ئۆز دۆلەت پۇقرالىرىدىن لىۋىيەدىن تېزدىن ئايرىلىشنى ئېنىق تەلەپ قىلدى. نۆۋەتتە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى لىۋىيەگە ياردەم بېرىش ئالاھىدە ئۆمىكى بىلەن قىزىل كىرېست خەلقئارا كومىتېتى لىۋىيەدىكى بارلىق خىزمەتچىلىرىنى ئارقا-ئارقىدىن پۈتۈنلەي چېكىندۈرۈپ بولدى. ئامېرىكا، ياپونىيە، تۈركىيە، مىسىر، كېنىيە قاتارلىق نۇرغۇن دۆلەتلەرمۇ لىۋىيەدىكى باش ئەلچىخانىلىرىنى تاقىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر