باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مۇھىت ئاسراش كەسپى تېز تەرەققىيات يولىغا كىردى

2014.07.30 09:05         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئالدىنقى يېرىم يىلدا، دۆلەت نۇرغۇن سىياسەتلەرنى داۋاملىق چىقىرىپ، مۇھىت ئاسراش كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللىدى، ھۆكۈمەتنىڭ مۇھىت ئاسراش مۇلازىمىتىنى سېتىۋېلىشى ئارقىلىق، كارخانىلار تېخىمۇ ھاياتىي كۈچكە ئىگە بولدى. تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، نۆۋەتتە، مۇھىت ئاسراش كەسپىنىڭ 3-تەرەپ مۇلازىمىتى قاتارلىق سىياسەتلەرگە تۈزىتىش كىرگۈزۈلۈۋاتقان بولۇپ، بۇ يىل ئىچىدە چىقىرىلىدىكەن. نۆۋەتتە مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقى «ھۆكۈمەتنىڭ مۇھىم ئاممىۋى مۇلازىمىتىنى سېتىۋېلىشنى ياخشى ئىشلەش ھەققىدىكى يېتەكچى پىكىر»نى تەييارلىماقتا. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىمۇ 3-تەرەپ تۈزەش ۋە مۇھىت كەسپىگە ئالاقىدار سىياسەتلەرنى تېزدىن تۈزۈپ تۈزىتىش كىرگۈزمەكتە. تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى مۇھىت مەبلىغى مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ماڭ روڭ مۇنداق دېدى: تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى مۇھىت ئاسراش مۇلازىمىتىنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، مەبلەغ سېلىش، يۈرۈشتۈرۈش، قۇرۇلۇش لايىھەلەش، تىجارەتنى باشقۇرۇش، ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەشنى ئاساس قىلغان مۇھىت ئاسراش كەسپى مۇلازىمەت سىستېمىسىنى ئورنىتىدۇ. مۇھىت كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاشنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، ئىسلاھات مۇساپىسىنى تېزلىتىپ، مالىيە، باج، پۇل مۇئامىلە، مەبلەغ سېلىش قاتارلىق ئالاقىدار سىياسەتلەر بىلەن قوللاشنى مۇكەممەللەشتۈرىدۇ، تۇنجى تۈركۈمدىكى ئىسلاھات تەدبىرلىرى بۇ يىل ئىچىدە ئېلان قىلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر