باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«پارتىيە، دۆلەت ۋە دۆلەت كارخانىسى رەھبەرلىرىنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش بەلگىلىمىسى» چىقىرىلدى

2014.07.30 09:04         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئورگىنى، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى، مەركىزىي كومىتېت ئىشتات ئىشخانىسى، مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، ئىقتىسادىي تەپتىش مەھكىمىسى، دۆلەت مۈلۈكىنى نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش كومىتېتى 27-ئىيۇل «پارتىيە، دۆلەتنىڭ ئاساسلىق رەھبىرى كادىرلىرى ۋە دۆلەت كارخانىلىرى رەھبەرلىرىنىڭ ئىقتىسادىي مەسئۇلىيىتىنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش بەلگىلىمىسىنى يولغا قويۇش تەپسىلىي پىرىنسىپى»نى بىرلىكتە ئېلان قىلدى. «تەپسىلىي پىرىنسىپ»تا مۇنۇلار ئېنىق بەلگىلەندى: ئىقتىسادىي مەسئۇلىيەتنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش، نازارەت قىلىش ئوبيېكتى-يەرلىكتىكى ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، ھۆكۈمەت، سوت ئورگانلىرى، تەپتىش ئورگانلىرى، مەركەز ۋە يەرلىكتىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت خىزمەت تارماقلىرى، كەسپىي ئورۇنلار، خەلق تەشكىلاتلىرى قاتارلىق ئورۇن پارتكوملىرىنىڭ رەسمىي ۋەزىپىدىكى رەھبىرى كادىرلىرى ۋە مەمۇرىيەتتىكى رەسمىي رەھبىرى كادىرلىرى ھەم دۆلەت ۋە دۆلەت ئىلكىدىكى دەسمايىنىڭ پاي ھوقۇقى ئورنىغا ئىگە ياكى ئاساسلىق ئورۇندا تۇرىدىغان كارخانىلارنىڭ قانۇنىي ۋەكىللىرى، قانۇنىي ۋەكىللىكنى ئۈستىگە ئالمىغان، ئەمما مۇناسىپ خىزمەت ھوقۇقىنى ئەمەلىي يۈرگۈزۈۋاتقان باش مۇدىر، باش دىرېكتور، پارتكوم شۇجىلىرى قاتارلىق كارخانىلارنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر