باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىقتىساد گېزىتىنىڭ ماقالىسى: «جۇڭگو ئىقتىسادى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ئەھۋالى ھەققىدە»

2014.07.30 09:04         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۈگۈن نەشىردىن چىققان ئىقتىساد گېزىتىدە «جۇڭگو ئىقتىسادى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ئەھۋالى ھەققىدە» ماۋزۇلۇق ئىمزالىق ماقالە ئېلان قىلىندى.

  ماقالىدا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: نۆۋەتتە ئېلىمىز تېز سۈرئەتتە ئېشىشتىن ئوتتۇرىھال تېز سۈرئەتتە ئېشىشقا قاراپ بۇرۇلۇش ياسىماقتا، بۇنىڭ تەسىرىدە ئىلگىرىكىگە ئوخشىمايدىغان نۇرغۇن ئالاھىدىلىكلەر بارلىققا كەلدى، بۇ ئىقتىسادى تەرەققىياتنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنىڭ ئاستىلىشىدىلا ئەمەس، بەلكى ئېشىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچىنىڭ ئۆزگىرىشىدە، ئىقتىسادى قۇرۇلمىنىڭ قايتا تەڭىشىلىشىدا ئىپادىلەندى، بۇ مۇرەككەپ بولغان سىستېمىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش ئەھۋالىغا دۇچ كەلدى، بۇ ئىسلاھات، ئشىكنى ئېچىۋېتىشنىڭ يېپيېڭى باسقۇچقا كىرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. مۇشۇنداق مۇھىم پەيتتە، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ قانۇنىيىتىگە قانداق ئەمەل قىلىش، يېڭى يۈزلىنىشنى قانداق قىلىپ چوڭقۇر تونۇش، يېڭى ئۆزگىرىشكە قانداق ماسلىشىش، يېڭى پۇرسەتكە قانداق قىلىپ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماسلىشىش، يېڭى پۇرسەتنى قانداق قىلىپ چىڭ تۇتۇش، مۇقىم ئېشىش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش داۋامىدا قانداق قىلىپ تەڭپۇڭلۇق ئۈستىدە ئىزدىنىش ئىنتايىن مۇھىم.

  ماقالىدا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرى ئومۇميۈزلۈك يېڭى باسقۇچقا كىردى. ئۇزاق مۇددەت تېز ئېشىشقا تىرەك بولىدىغان نوپۇستىن، يەردىن كېلىدىغان پايدا قاتارلىقلار ئازىيىۋاتقان ئەھۋالدا، بىزنىڭ بىردىنبىر چىقىش يولىمىز شۇكى، ئىسلاھاتنى، ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىش قەدىمىنى توختىتىپ قويماسلىق، ئىسلاھاتنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېچىۋېتىشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئىگە قىلىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ پايدىسى ئارقىلىق ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، ئۈنۈمىنى كۈچەيتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشتىن ئىبارەت يېڭى باسقۇچقا قەدەم قويۇش. جىددىي ۋەزىپىلەر ئالدىدا دادىللىق بىلەن ئىنچىكە ئىشلەپ، ئىسلاھاتنىڭ بۆسۈش ئېغىزىنى تېپىپ چىقىپ، ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن نۇقتىلىق بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈپ، بىرىگە تەگسە ھەممىسىگە تەسىر يېتىدىغان ساھەلەر ۋە ھالقىلارنى چىڭ تۇتۇپ، ئىقتىسادنى ئومۇميۈزلۈك جانلاندۇرۇش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر