باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئومۇمىي مۈلۈكى يۈز تىرىليون يۈەندىن ئاشتى

2014.07.30 08:48         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مالىيە مىنىستىرلىقى 28-ئىيۇل 2013-يىلى پۈتۈن مەملىكەتتىكى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ مالىيە نەقچوت ئەھۋالىنى ئېلان قىلدى، بۇ-ئېلىمىزدىكى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ نەقچوتىنى تۇنجى قېتىم سىرتقا ئاشكارا ئېلان قىلىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئېلىمىزدىكى دۆلەت كارخانىسى 155 مىڭ بولۇپ، ئومۇمىي مۈلۈكى يۈز تىرىليون يۈەندىن ئاشقان.

  بۇ سانلىق مەلۇماتلار مەركەز تارماقلىرىغا قاراشلىق 94 كارخانا، دۆلەت مۈلۈكىنى نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش كومىتېتى نازارەت قىلىپ باشقۇرىدىغان 113 كارخانا، مالىيە مىنىستىرلىقى نازارەت قىلىپ باشقۇرىدىغان بەش كارخانا ۋە 36 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ھەم ئايرىم پىلان يولغا قويۇلىدىغان شەھەردىكى يەرلىك دۆلەت ۋە دۆلەت پېيىنى تىزگىنلىگەن كارخانىلاردىن كەلگەن بولۇپ، نۆۋەتتە ئېلىمىز دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئەھۋالىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان ئەڭ نوپۇزلۇق سانلىق مەلۇمات دېيىشكە بولىدۇ.

  سانلىق مەلۇماتتىن ئايان بولۇشىچە، 2013-يىلى پۈتۈن مەملىكەتتىكى مۇستەقىل ھېساب قىلىنىدىغان دۆلەت ئىلكىدىكى قانۇنىي ئىگىلىك كارخانا 155 مىڭغا يەتكەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.8 ئاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە، مەركەز كارخانىسى 52 مىڭ بولغان. 2013-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى دۆلەت كارخانىلىرىدىكى ئىشچى-خىزمەتچى 37 مىليونغا يېقىنلاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە، مەركەز كارخانىسىنىڭ ئىشچى-خىزمەتچىسى 17 مىليون 600 مىڭدىن، يەرلىكتىكى دۆلەت كارخانىسىنىڭ 19 مىليوندىن ئاشقان. 2013-يىلى پۈتۈن مەملىكەتتىكى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ مۈلۈك ئومۇمىي سوممىسى 104 تىرىليون يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %16.3 ئاشقان، يەرلىكتىكى دۆلەت كارخانىلىرى كۆپ قىسىمنى ئىگىلەپ، ئومۇمىي مۈلۈكى 55 تىرىليون 500 مىليارد يۈەنگە يەتكەن. پۈتۈن مەملىكەتتىكى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئومۇمىي قەرزى 67 تىرىليون يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %16 ئاشقان، مەركەز بىلەن يەرلىكنىڭ ئاساسەن تەڭ بولغان. 2013-يىلى پۈتۈن مەملىكەتتىكى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئومۇمىي كىرىمى 47 تىرىليون يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10 ئاشقان.

  بۇندىن باشقا، 2013-يىلى پۈتۈن مەملىكەتتىكى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئومۇمىي پايدىسى ئىككى تىرىليون 600 مىليارد يۈەنگە يەتكەن، پۈتۈن مەملىكەتتىكى دۆلەت كارخانىلىرى يۇقىرىغا ئۈچ تىرىليون 800 مىليارد يۈەن باج تاپشۇرۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5 ئاشقان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر