باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىقتىسادىي تەپتىش جەھەتتە ئالتە يىلدا 2580 ئادەم تەكشۈرۈلدى

2014.07.30 08:46         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ 28-ئىيۇل مەملىكەتلىك ئىقتىسادىي مەسئۇلىيەتنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش خىزمىتى تېلېۋىزىيەلىك تېلېفون يىغىنىدىن ئۇقۇشىچە، 2008-يىلىدىن بۇيان، ئىقتىسادىي مەسئۇلىيەتنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش ئارقىلىق، ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش جەريانىدا، 2580 دىن ئارتۇق رەھبىرى كادىر ۋە باشقا خادىم ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ، ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتىش، ۋەزىپىسىنى ئادا قىلالماسلىق، مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش، خىيانەتچىلىك، پارىخورلۇق، دۆلەت مۈلۈكىنى يۇتۇۋېلىش قاتارلىق مەسىلىلەرگە چېتىلىپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ۋە ئەدلىيە ئورگانلىرىغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەن.

  نۆۋەتتە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر دەرىجىلىك ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگانلىرى ھەر دەرىجىلىك، ھەر تۈرلۈك رەھبىرى كادىرلارنىڭ ئىقتىسادىي مەسئۇلىيىتىنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرماقتا، ئۆلكە، مىنىستىرلىق دەرىجىلىك رەھبىرى كادىرلارنىڭ ئىقتىسادىي مەسئۇلىيىتىنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىشمۇ دائىملىشىپ ۋە تۈزۈملىشىپ، ۋەزىپە ئۆتەش جەريانىدا ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىشنى ئاساس قىلغان، ۋەزىپە ئۆتەش جەريانىدا ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش بىلەن ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش بىرلەشتۈرۈلگەن ئىقتىسادىي تەپتىش ئەندىزىسى شەكىللىنىپ، مۇھىم رەھبىرى كادىرلارنى ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلىدە نۆۋەت بىلەن ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش تۈزۈمى تەدرىجىي ئورنىتىلدى. 2008-يىلىدىن بۇيان، مەملىكەت بويىچە 200 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىندى. ئىقتىسادىي تەپتىش جەريانىدا، ھوقۇق ھەرىكىتىگە چەكلىمە قويۇش كۈچەيتىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر