باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ياڭ جيېچى، ۋاڭ يى بۇتاننىڭ دىپلوماتىيە ۋەزىرى بىلەن كۆرۈشتى

2014.07.30 08:45         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت كومىسسارى ياڭ جيېچى، دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى 28-ئىيۇل جۇڭگو-بۇتان 22-نۆۋەتلىك چېگرا سۆھبىتىگە قاتناشقىلى جۇڭگوغا كەلگەن بۇتاننىڭ دىپلوماتىيە ۋەزىرى رېنزىڭ دوجى بىلەن ئايرىم-ئايرىم كۆرۈشتى.


  ياڭ جيېچى مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن بۇتان-ئەنئەنىۋى دوست قوشنىلار. جۇڭگو ھۆكۈمىتى بۇتانغا بولغان ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستلۇق سىياسىتىگە ئەمەل قىلىپ كەلدى. جۇڭگو بۇتان بىلەن بىرلىكتە، ئادىل، مۇۋاپىق، ئىككى تەرەپ قوبۇل قىلالايدىغان چېگرا مەسىلىسىنى ئومۇميۈزلۈك ھەل قىلىش لايىھەسىنى بالدۇرراق ھاسىل قىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدىكى دوستانە ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقتا ئۆزلۈكسىز يېڭى ئىلگىرىلەشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.


  رېنزىڭ دوجى مۇنداق دېدى: بۇتان جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، جۇڭگو بىلەن چېگرا مەسىلىسىنى بالدۇرراق ھەل قىلىشقا كۈچ چىقىرىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقىنىڭ يەنىمۇ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر