باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركەزنىڭ تەكشۈرۈشى پۈتۈن مەملىكەتنى تولۇق قاپلايدۇ

2014.07.30 08:44         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەركەز تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى 27-، 28-ئىيۇل ئارقا-ئارقىدىن شىزاڭ، چىڭخەي ۋە دۆلەتلىك تەنتەربىيە باش ئىدارىسىغا بېرىپ ئورۇنلاشتى، بۇ-2014-يىللىق مەركەزنىڭ 2-نۆۋەتلىك تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ رەسمىي باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، بۇ نۆۋەتلىك تەكشۈرۈش ئارقىلىق، جۇڭگو كومپارتىيەسى 18-قۇرۇلتىيىدىن كېيىن 31 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر مەركەزنىڭ تەكشۈرۈشى بىلەن تولۇق قاپلىنىدۇ.

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن كېيىنكى ئۈچ نۆۋەتلىك مەركەز تەكشۈرۈش خىزمىتىدىن كېيىن، نۆۋەتتە ھەر قايسى جايلار، تارماقلارغا بېرىپ ئورۇنلاشقان مەركەز تەكشۈرۈش گۇرۇپپىلىرى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش، مەركەزنىڭ سەككىز بەلگىلىمىسىنى ئىجرا قىلىش، پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامىنى چىڭىتىش، كادىرلارنى تاللاشتىكى تۆت كۈچەش نۇقتىسىنى چۆرىدەپ خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرىدىغانلىقىنى ئاۋۋالقىدەكلا تەكىتلىدى شۇنداقلا تىغ ئۇچىنى گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە قارىتىشتا چىڭ تۇرىدىغانلىقى، بولۇپمۇ 18-قۇرۇلتايدىن كېيىن تەكشۈرمىگىچە بولدى قىلماسلىق، ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان، ھازىر مۇھىم ئىش ئورۇنلىرىدا ئىشلەۋاتقان، يەنە ئۆستۈرۈپ ئىشلىتىش ئېھتىمالى بولغان رەھبىرى كادىرلار توغرىسىدا مەسىلە يىپ ئۇچىنى چىڭ تۇتۇپ، سەككىز بەلگىلىمىگە خىلاپ مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ، ئەمەل سودىسى قىلىش، چاتىقى تۇرۇپ ئۆستۈرۈش قاتارلىق مەسىلىلەرنى نۇقتىلىق ئىگىلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر