باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مۇتەخەسسىس، ئالىملار ئىككى قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ساۋىقى ھەققىدە مۇھاكىمە يۈرگۈزدى

2014.07.28 09:01         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  18 دۆلەتتىن كەلگەن 200 دىن ئارتۇق مۇتەخەسسىس، ئالىم تۈنۈگۈن بېيجىڭغا جەم بولۇپ، ئىككى قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشىنى ئەسلەپ، بۇ ئۇرۇشلارنىڭ ساۋىقى ھەققىدە مۇھاكىمە يۈرگۈزدى.

  بۇ يىل بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى پارتلىغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى ۋە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى پارتلىغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى. رۇسىيە، فرانسىيە، ئەنگلىيە، ئامېرىكا، گېرمانىيە، پولشا، ۋىنگىرىيە، بۇلغارىيە، سېربىيە، چېخ، گوللاندىيە، مېكسىكا، مالايسىيا، كورىيە، ياپونىيە، ھىندىستان، نىگىرىيەدىن ئىبارەت 17 دۆلەتتىن كەلگەن 20 نەچچە مۇتەخەسسىس، ئالىم، دۆلىتىمىزدىكى ھەر قايسى پەن-تەتقىقات ئورۇنىلرىدىن كەلگەن 200 دىن ئارتۇق مۇتەخەسسىس، ئالىم تۈنۈگۈن بېيجىڭدا ئېچىلغان «1- ۋە 2-دۇنيا ئۇرۇشلىرى تارىخىنى ئەسلەش: ساۋاق ۋە ۋەھىي» تېمىسىدىكى خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشتى.

  مۇتەخەسسىس، ئالىملار مۇنداق دەپ قارىدى: ئىككى قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشى 20-ئەسىردىكى زور تارىخىي ۋەقە، بۇ ئۇرۇشلار دۇنيا خەلقىگە ئېغىر بالايى-ئاپەت كەلتۈردى شۇنداقلا دۇنيا قېلىپىنىڭ تەرەققىيات ئۆزگىرىشىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى، ئىككى قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ تەجرىبە ساۋاقلىرىنى يەكۈنلەش دۇنيادىكى ھەر قايسى ئەللەر بولۇپمۇ چوڭ دۆلەتلەرنىڭ مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇش، دۇنيانىڭ تىنچلىقىنى قوغداش، ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئىبرەت ئېلىش رولىغا ئىگە.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر