باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ خىراجەت كىرىم-چىقىمى خامچوت باشقۇرۇش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلدى

2014.07.28 08:59         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، مەسىلىنى توغرىلاش، تۈزۈمنى چىڭ تۇتۇش، مۇلازىمەتنى باش مەقسەت قىلىش، نازارەتچىلىك ئارقىلىق كاپالەتلىك قىلىش مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى مەركەزنىڭ سەككىز بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش مەقسىتىدە قوللانغان تۆت تۈرلۈك كونكىرېت تەدبىر ئىكەن، بۇ تەدبىرلەر يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، ئورگاننىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشىنى دائىملىقلاشتۇرۇش، ئۇزاق ئۈنۈمگە ئىگە قىلىش كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

  مەركەزنىڭ سەككىز بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنىڭ تەلىپى بويىچە، ساقلانغان مەسىلىلەر ۋە يېتەرسىزلىكلەرنى ئەستايىدىل تېپىپ چىقىش، قاراتمىلىقى بولغان ھالدا تۈزەش، تەرتىپكە سېلىش كېرەك. ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ 16-قۇرۇلتىيىغا تەييارلىق قىلىش داۋامىدا يىغىن ئىستىلىنى ياخشىلاشنىڭ 15 تۈرلۈك تەدبىرى بېكىتىلىپ، 1-ماي قاتارلىق چوڭ بايرام مەزگىلىدە ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى، ئىلغار ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى بېيجىڭغا تەكلىپ قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى تەشكىللەش تەڭشەلدى ۋە قېلىپلاشتۇرۇلدى. ئومۇمنىڭ ئۈچ خىراجىتى رەتكە سېلىنىپ، ئومۇمنىڭ پۇلىغا سوۋغا بېرىش، ئومۇمنىڭ پۇلىغا يەپ-ئىچىش، ھەشەمەتچىلىك ۋە ئىسراپچىلىق قىلىشنى تۈزەش، ئومۇمنىڭ ئۈچ خىراجىتى چىقىمى قاتارلىق سەككىز جەھەتتىكى مەسىلىنى قېلىپلاشتۇرۇش ئاساسلىق مەزمۇن قىلىنغان ھالدا 30 تۈرلۈك تەدبىر تۈزۈلدى، بۇنىڭ بىلەن ئومۇمنىڭ خىراجىتى %23.8 قىسقارتىلدى، ئومۇمنىڭ ئىشلىرى ئۈچۈن كۈتىۋېلىش راسخوتى ئالدىنقى يىلدىكىدىن %47.1 ئازايتىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر