- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئالدىنقى يېرىم يىلدا مەملىكەت بويىچە يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كىشى بېشى نەق پۇل كىرىمى % 9.8 ئاشتى
2014.07.28 08:48 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
يازلىق ئاشلىقتىن ئۇدا ئون بىر يىل مول ھوسۇل ئېلىندى. يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنىڭ ۋەزىيىتى ياخشى بولماقتا. تېرىقچىلىق، سىرتقا چىقىدىغان ئىشلەمچىلەر ۋە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش سانائەتنىڭ تۈرتكىسىدە دېھقانلارنىڭ كىرىمى تېرىقچىلىق بىلەن چەكلەنمەي سىجىل ئاشتى. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان دېھقانلارنىڭ كىرىمى بىر قەدەر تىز ئاشتى.دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئالدىنقى يېرىم يىلدا مەملىكەت بويىچە يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كىشى بېشى نەق پۇل كىرىمى 5396 يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن نامدا%12، باھا ئامىلىنى چىقىرىۋەتكەندە ئەمەلىيەتتە %9.8 ئاشقان.
ئالدىنقى يېرىم يىلدا مەملىكەت بويىچە شەھەر بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى كىشى بېشى كىرىمى %7.1 ئاشتى؛دېھقانلارنىڭ كىرىمى شەھەر بازار ئاھالىلىرى كىرىمىگە سېلىشتۇرغاندا تېخىمۇ زور دەرىجىدە ئېشىپ،2.7 پوئىنتتىن يۇقىرى بولدى.
يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش سانائىتىنىڭ ئۇچقاندەك راۋاجلىنىشى دېھقانلار كىرىمىنىڭ سىجىل ئېشىشىغا كەڭ سەھنە ھازىرلاپ بەردى. مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە،ئالدىنقى يېرىم يىلدا كۆلەملەشكەن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش سانائىتىنىڭ ئاساسلىق تىجارەت كىرىمى يەنىلا 8 تىرىليون 400 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9.5 ئاشقان. مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى يېزا مەسىلىسى مۇتەخەسسىسى زېڭ يېسوڭ مۇنداق دەپ قارىدى: ئائىلىۋى ئىگىلىك كىرىمى دېھقانلار كىرىمىنىڭ يېرىمىنى ئىگىلىدى. دۆلەت يېزىلارنىڭ 2-، 3-كەسپىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش قەدىمىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزىلاردىكى ئائىلىۋى ئىگىلىك كىرىمىنىڭ ئېشىشىغا مىسلى كۆرۈلمىگەن شارائىت يارىتىپ بەردى.
ئۇندىن باشقا ئىستىراھەت يېزا ئىگىلىكىمۇ دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى كۆپەيتىش يولىغا ئايلاندى. ئېلىمىز جەمئىيەتكە جۇڭگودىكى ئەڭ گۈزەل 10 كەنت، 108 گۈزەل يېزىنى تونۇشتۇردى. مەملىكەت بويىچە ئىستىراھەت يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا ساياھەتچىلىكىدە ئۈلگە كۆرسىتىش ناھىيىسى، ئۈلگە كۆرسىتىش نۇقتىسى قۇرۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. تولۇقسىز مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئالدىنقى يېرىم يىلدا مەملىكەت بويىچە ئىستىراھەت يېزا ئىگىلىكىدە 500 مىليون ئادەم قېتىم ساياھەتچى كۈتۈۋېلىنغان؛تىجارەت كىرىمى تەخمىنەن 150 مىليارد يۈەنگە يەتكەن؛ ئېشىش سۈرئىتى %10 دىن ھالقىغان؛ 30 مىليون دېھقاننى نەپكە ئېرىشتۈرگەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر