- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى ياردەم بېرىش مەبلىغىنىڭ %90 نى خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىغا ئىشلەتتى
2014.07.28 08:42 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەبلىغىدىن خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىغا 1 مىليارد 547 مىليون يۈەن ئاجراتقان بولۇپ، يىللىق ياردەم بېرىش مەبلىغىنىڭ %92.24 نى ئىگىلىگەن؛ شىنجاڭنىڭ خەلق تۇرمۇشىغا ياردەم بېرىش مەبلىغى ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن كۆپەيگەن بولۇپ، خەلقنى بېيىتىپ ئولتۇراقلاشتۇرۇش، كەسپىي تېخنىكا مەكتەپلىرى، ئالىي ئوتتۇرا مەكتەپلەر ۋە تۇەن مەيدان دوختۇرخانىلىرى قاتارلىق بىر تۈركۈم خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىلغان.
ئىگىلىنىشىچە،بۇ يىل شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىدە مۇھىم نۇقتىنى شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش تۈپ نىشانىنى بىر تۇتاش پىلانلاشقا قارىتىپ، شىنجاڭغا ئىقتىساد، كادىرلار، ئىختىساسلىقلار ۋە سەھىيە جەھەتتىن ياردەم بېرىشنى ئومۇميۈزلۈك تەڭكەش تەرەققىي قىلدۇرۇشتىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، تەربىيىلەش، نامراتلارنى يۆلەش قاتارلىق خەلق تۇرمۇشى جەھەتتە ياردەم بېرىشكە قارىتىپ، تۇەن مەيدانلارنى شەھەر بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇش سۈرئىتىنى ئىلگىرى سۈردى. مائارىپ داۋالاش سەھىيە سەۋىيىسىنى ئۆستۈردى. كادىرلار ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلىدى.
خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى جەھەتتە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان ئۆلكە، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر ئاز سانلىق مىللەتلەر ئولتۇراقلاشقان تۇەن مەيداننىڭ تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلدى. ياردەم بەرگەن ياردەمنى قوبۇل قىلغان ئىككى تەرەپ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش قۇرۇلۇشىنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قۇرۇلۇشى قىلدى.ئاز سانلىق مىللەتلەر ئولتۇراقلاشقان تۇەن مەيداندىكى نامراتلارنى يۆلەش سالمىقى، ئىگىلىك يارىتىش ئىشقا ئورۇنلىشىش قاتارلىق كۆپلىگەن تەرەپلەردە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەبلەغ سېلىنمىسىنى زورايتتى. شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تۈرىدە ئاز سانلىق مىللەتلەر ئولتۇراقلاشقان تۇەن مەيدانلارغا ئىتتىبار بېرىشتە چىڭ تۇردى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر