باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شاڭخەي فۇشى شىركىتى ۋەقەسىدىكى ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ مەسئۇلىيىتى قانداق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ؟

2014.07.25 16:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ25-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شاڭخەي ساقچى تەرەپتىن ئىگىلىشىمىزچە، شاڭخەي فۇشى يېمەكلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى، سۈپەت بۆلۈمىنىڭ دېرىكتورى قاتارلىق دېلوغا چېتىشلىق 5 كىشى ۋاقتى ئۆتكەن خام ماتېرىيالدىن پىششىقلىما يېمەكلىك ئىشلەپچىقارغانلىقتىن قانۇن بويىچە جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇلغان. شاڭخەي يېمەكلىك-دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى مۇنۇلاردى بىلدۈرگەن: بۇ دېلو ھازىر جازالاش باسقۇچىغا كىردى، مەمۇرىي جازا بېرىش، جىنايى ئىشلار بويىچە جازالاش كۈنتەرتىپ تەرتىپى باشلىنىپ بولدى.

  جامائەتچىلىكنىڭ غەزىپىنى كەلتۈرگەن فۇشى يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ۋەقەسى ئالاھىدە تارىخىي مەزگىلدە يۈز بەردى: 6-ئاينىڭ ئاخىرلىرى ئېچىلغان 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 9-قېتىملىق يىغىنىدا، گوۋۇيۈەننىڭ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قانۇنى (تۈزىتىلمە لايىھە)» توغرىسىدىكى تەكلىپ ھەققىدىكى ئىزاھات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى ھەمدە گۇرۇپپىلار بويىچە مۇھاكىمە قىلىندى، بۇ «تارىختىكى ئەڭ قاتتىق» ئاتالغان «يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قانۇنى» ئېلان قىلىنىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ، خەلق ئاممىسى جۇڭگو خەلق قۇرۇلتىيى تورىدا قانۇن لايىھەسى توغرىسىدا ئۆز پىكرىنى بەرسە بولىدۇ.

  ئەڭ قاتتىق جازا: فۇشى خانىۋەيران بولۇپ كېتەرمۇ؟

  شاڭخەي قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا ئىشلار ۋە ئاممىۋى ئىشلار ئىنستىتۇتىنىڭ دوتسېنتى فۇ شۆلياڭ مۇنداق دېدى: ھازىر جەمئىيەت يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ۋەقەسىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەرمەكتە، لېكىن قانۇنسىز كارخانىلار يەنىلا دېلو سادىر قىلىۋاتىدۇ. «بۇ قانۇنسىز تەننەرخنىڭ تۆۋەن بولۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، نۆۋەتتىكى قانۇنغا ئاساسلانغاندا، كارخانىنىڭ قانۇنسىز تاپاۋىتى جەرىمانىدىن يۇقىرى بولىدۇ، جازا سالمىقى يېتەرلىك بولمىسا بۇ تۈردىكى ۋەقەلەر ئارقا-ئارقىدىن يۈز بېرىدۇ».تورداشلار خەلق تورىدا قالدۇرغان سۆزلىرىدە بىردەك ھالدا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ دېلوغا چېتىشلىق كارخانىلارنى قاتتىق جازالىشى تەلەپ قىلدى.

  قانۇن ساھەسىدىكى زاتلار مۇنداق دېدى: يېڭى تۈزىتىلگەن «يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قانۇنى»مۇ، فۇشىغا ئوخشاش زور مەبلەغكە ئىگە دۆلەت ھالقىغان كارخانىلارنى جازالاپ «خانىۋەيران» قىلىۋېتەلمەيدۇ.

  فۇ شۆلياڭ مۇنداق قارىدى: فۇشىغا ئوخشاش چوڭ كارخانىلارنى جەرىمانىدىن بەكرەك قورقىتىدىغىنى يېڭى «يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قانۇنى»دىكى دېلوغا چېتىشلىق كارخانىلارنىڭ ئىجازەنامىسىنى ئىناۋەتسىز قىلىش ھەققىدىكى بەلگىلىمىلەردۇر. « ئىجازەتنامىسىنى ئىناۋەتسىز دۆلەت ھالقىغان كارخانا، پاي چېكى بازارغا سېلىنغان شىركەتلەرگە مۆلچەرلىگۈسىز تەسىر ۋە زىيان ئېلىپ كېلىدۇ.»

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى
  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر