باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئۇرۇش بىلەن تىنچلىقنىڭ دىئالېكتىكىسىنى ئېسىمىزدە چىڭ تۇتۇشىمىز كېرەك

‐‐جياۋۇ يىلىدىكى جۇڭگو-ياپونىيە ئۇرۇشى پارتلىغانلىقىنىڭ 120 يىللىقى توغرىسىدا

2014.07.25 15:59         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  1894-يىلىدىكى بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭگو-ياپونىيە ئۇرۇشى پارتلىدى، بۇ ياپونىيە غەرەزلىك قوزغىغان جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلىش ئۇرۇشى ئىدى.

  جياۋۇ يىلى جۇڭگو يېقىنقى زامان تارىخىدىكى چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە بىر يىل بولۇپ، شۇ يىلى 7-ئاينىڭ 25-كۈنى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ قەلب كالېندارىدىكى ئالاھىدە بىر كۈن ھېسابلىنىدۇ. مۇشۇنداق بىر كۈندە، باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ يىل 4-ئايدا ياۋروپانى زىيارەت قىلغاندا سۆزلىگەن نۇتىقى قۇلاق تۈۋىمىزدە ياڭرىماقتا: تارىخ ئەمەلىيەتنىڭ مەنبەسىدۇر، ھەر قانداق بىر دۆلەتنىڭ بۈگۈنى تۈنۈگۈندىن كەلگەن. بىر دۆلەتنىڭ كېلىپ چىقىشىنى چۈشەنگەندىلا، شۇ دۆلەتنىڭ بۈگۈنىنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۇنداق بولماي بۇنداق بولغىنىنى بىلگىلى بولىدۇ ھەمدە شۇ دۆلەت كەلگۈسىنىڭ قايسى يۆلىنىشكە ماڭىدىغانلىقىنى ۋە قايسى يۆنىلىشكە ماڭمايدىغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋالغىلى بولىدۇ.

  دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداپ، ئۇرۇشقا قارشى تۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىمىز كېرەك. جياۋۇ يىلىدىكى جۇڭگو-ياپونىيە ئۇرۇشى سالمىقى ئېغىر تارىخ كىتابىغا ئوخشاش، بىزنى چوڭقۇر ئويلىنىش داۋامىدا ھوشيارلىقىمىزنى باشتىن-ئاخىر ساقلاپ، ئىشەنچ ۋە كۈچنى ئۇيۇشتۇرۇپ، دەۋر يۈكلىگەن شەرەپلىك بۇرچنى زىممىمىزگە ئېلىشقا دەۋەت قىلىدۇ.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر