باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مېڭ جيەنجۇ: شىزاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشايلى

2014.07.24 15:55         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ24-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى مېڭ جيەنجۇ يېقىندا شىزاڭدا خىزمەت تەكشۈرگەندە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مەركەزنىڭ شىزاڭ خىزمىتىگە ئالاقىدار بىر قاتار فاڭجېن-سىياسەتلىرى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھىنى، بولۇپمۇ «دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتا چېگرا رايوننى ئىدارە قىلىش زۆرۈر، چېگرا رايوننى ئىدارە قىلىشتا ئاۋۋال شىزاڭنى مۇقىملاشتۇرۇش لازىم» دېگەن مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئىدىيەنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كاللىمىزنى سەگەك تۇتۇپ، خەۋپ ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئېسىل ئەنئەنىنى جارى قىلدۇرۇپ، مۇۋەپپەقىيەت تەجرىبىلىرىنى خۇلاسىلەپ، جەمئىيەت باشقۇرۇشتا يېڭىلىق يارىتىپ، ئامانلىق قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىسىغا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىمىز ۋە سەۋىيەمىزنى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈپ، شىزاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشىمىز لازىم.

  18-ئىيۇلدىن 22-ئىيۇلغىچە، مېڭ جيەنجۇ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ لخاسا شەھىرى ۋە شەننەن رايونىغا كېلىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى سىياسىي-قانۇن ئورۇنلىرى، كوچا-مەھەللە، كەنت-بازار، چارۋىچىلىق رايونى، مەكتەپ ۋە كارخانىلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىدىن، سىياسىي-قانۇن كادىر-ساقچىلىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى ۋە ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى ھەمدە شىزاڭنىڭ مۇقىملىق خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەش ھەققىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: شىزاڭنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقى دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىجتىمائىي ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىغا تاقىلىدۇ. بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ، سىياسىي ئاڭ، خەۋپ ئېڭى ۋە مەسئۇلىيەت ئېڭىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى باشتىن-ئاخىر شىزاڭنىڭ تەرەققىياتى ۋە مۇقىملىقىدىكى ئەڭ مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، ھەر خىل بۆلگۈنچىلىك، بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرىگە ۋە تېررورلۇق-زوراۋانلىققا چېتىشلىق ئېغىر جىنايى ئىشلار جىنايىتىدىن پۇختا مۇداپىئە كۆرۈپ ۋە ئۇنىڭغا قەتئىي زەربە بېرىپ، دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى ۋە جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى ھەقىقىي قوغداش لازىم.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  

  مەنبە: خەلق تورى


  

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر