باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بېيجىڭ: دوختۇرلار كۆپ نۇقتىدا كەسپ بىلەن شوغۇللىنىشتا دوختۇرخانىنىڭ تەستىقى بولمىسىمۇ بولىدۇ

2014.07.23 16:39         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئاۋغۇستتىن ئېتىبارەن بېيجىڭدا دوختۇرلارنىڭ «كۆپ نۇقتىدا كەسپ بىلەن شوغۇللىنىش» چەكلىمىسى بىكار قىلىنىپ، دوختۇرلار كۆپ نۇقتىدا كەسپ بىلەن شوغۇللىنىشنى ئىلتىماس قىلىشتا ئۆز ئورنىنىڭ «قوشۇلۇش خېتى» چىقىرىشىنىڭ ھاجىتى قالمىدى. بۇنىڭدىن باشقا، كۆپ نۇقتىدا كەسپ بىلەن شوغۇللىنىشتا نۇقتا سانى چېكى بىكار قىلىندى، داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ قانۇنىي ۋەكىلى، مەسئۇلى قاتارلىق باشقۇرغۇچى خادىملارمۇ كۆپ نۇقتىدا كەسپ بىلەن شوغۇللانسا بولىدىغان بولدى.

  تۈنۈگۈن بېيجىڭ شەھەرلىك سەھىيە-پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى 2011-يىل ئېلان قىلىنغان «بېيجىڭ شەھىرىنىڭ دوختۇرلارنىڭ كۆپ نۇقتىدا كەسپ بىلەن شوغۇللىنىشنى باشقۇرۇش چارىسى»گە تۈزىتىش كىرگۈزۈشنىڭ تاماملىنىپ، دوختۇرلارنىڭ كۆپ نۇقتىدا كەسپ بىلەن شۇغۇللىنىش چەكلىمىسىنىڭ بىكار قىلىنغانلىقى قەيت قىلىندى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل 5-ئايغىچە بېيجىڭدا 1993 نەپەر دوختۇر كۆپ نۇقتىدا كەسپ بىلەن شۇغۇللىنىش رويخېتى بېجىرگەن.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر