باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركەزدىكى بەزى تارماقلارنىڭ ھۆكۈمەت ماشىنىسى ئىشلىتىش خىراجىتى ئېشىپ كەتتى

2014.07.21 08:58         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەركەزدىكى 95 تارماق ۋە ئورۇن ئېلان قىلغان 2013-يىللىق نەقچوتقا ئاساسەن مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدىن ئايان بولىشىچە، بەزى تارماقلارنىڭ ئۆتكەن يىلى ھۆكۈمەت ماشىنىسىغا خەجلىگەن خىراجىتى ئازراق ئاشقان، مەركەزنىڭ 8 بەلگىلىمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئارقا كۆرۈنىشىدە، ھۆكۈمەتنىڭ ئۈچ خىل خىراجىتى ئومۇمىي جەھەتتىن ئازلىغان، ئەمما 95 تارماقنىڭ 2013-يىلى ھۆكۈمەت ماشىنىسى سېتىۋېلىش ۋە ئىشلىتىش ھەققى نەقچوتى 4 مىليارد 200 مىليون يۈەنگە يەتكەن، بۇ سان ئالدىنقى يىلدىكى 4 مىليارد 67 مىليون يۈەندىن يۇقۇرى بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 133 مىليون يۈەن ئېشىپ كەتكەن، ئالايلۇق، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ 2013-يىلى ھۆكۈمەت ماشىنىسى سېتىۋېلىش ھەققىي نۆل بولۇپ، قاتناش ھەققى 5 مىليون 241مىڭ 600 يۈەن بولغان، بۇ ئالدىنقى يىلنىڭ بېشىدىكىدىن 300 يۈەن تۆۋەن، ئەمما مۇخبىر بۇ تارماقنىڭ 2012-يىلدىكى نەقچوت دوكلاتىنى تەكشۈرۈش جەريانىدا، شۇ يىلى بۇ تارماقنىڭ ھۆكۈمەت ماشىنىسى ئۈچۈن ئىشلەتكەن خىراجىتىنىڭ 5 مىليون 125 مىڭ 700 يۈەن بولغانلىقىنى بايقىغان، بۇ 2013-يىلى بۇ تارماقنىڭ ھۆكۈمەت ماشىنىسى ئىشلىتىش ھەققىنىڭ ئازراق ئۆرلىگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ، خۇبېي ئۆلكىلىك ئىستاتېستىكا ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى يې چىڭ مۇنداق دەپ قارىدى: ھەر دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ ھۆكۈمەت ماشىنىسىنى ئىشلىتىش ئادىتىدىن باشقا يەنە رىمونت قىلىش ھەققى، يېقىلغۇ ھەققى قاتارلىقلارمۇ ھۆكۈمەت ماشىنىسى چىقىمىنى ئاشۇرۋېتىدىغان سەۋەبلەرنىڭ بىرى، ھۆكۈمەت ماشىنىسى ئىسلاھاتى لايىھەسىگە قاتناشقان دۆلەتلىك مەمۇرىيەت ئىنىستىتوتىنىڭ پروفېسسورى جۇ لىجيا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھۆكۈمەت ماشىنىسى ئىسلاھاتى مۇشۇ ئاينىڭ 17-كۈنى چىقىرىلدى، تەلەپ بويىچە مەركەز تارماقلىرى ۋە ئورۇنلىرى بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە ھۆكۈمەت ماشىنىسى ئىسلاھاتىنى ئاساسەن ئورۇنداپ بولۇشى كېرەك، ئۇ پەرەز قىلىپ مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت ماشىنىسى ئىسلاھاتى ئارقىلىق ماي ھەققى، ماشىنا توختىتىش ھەققى ۋە ماشىنىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ھەققى شۇنداقلا شوپۇرلارغا بېرىلىدىغان مائاشنى تېجىگىلى بولىدۇ، ھۆكۈمەت ماشىنىسى ئىسلاھاتىدىن كېيىن ھۆكۈمەت ماشىنىسى ھەققىدىن تەخمىنەن %30 تېجىگىلى بولىدۇ، ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جايلارنىڭ ھۆكۈمەت ماشىنىسى ئىسلاھاتىنى قاتتىق ئىجرا قىلىشى ھۆكۈمەت ماشىنىسى خىراجىتىنى تۆۋەنلىتىدىغان ئەڭ ياخشى ۋاستە.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر