- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى ئومۇمخەلق سۇغۇرتىغا قاتنىشىشنى تىزىملاشنى باشلىدى، ئورگان-كەسپىي ئورۇنلارنىڭ كۈتۈنۈش ئىسلاھاتى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ
2014.07.17 17:12 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى خۇ شاۋيى 16-ئېچىلغان ئومۇمخەلق سۇغۇرتىغا قاتنىشىشنى تىزىملاش پىلانى سىناق نۇقتا خىزمىتى سىن يىغىنىدا مۇنداق دېدى: بۇ پىلان 2014-يىلى مەملىكىتىمىزنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا سىناق قىلىنىدۇ، 2015-يىل لايىھە ۋە تەدبىرلەر مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، مەملىكىتىمىزنىڭ تەخمىنەن %50 رايونىدا سىناق قىلىنىدۇ. 2016-يىلى ۋە 2017-يىلى مەملىكىتىمىزدە ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلۇپ، بېكىتىلگەن نىشان-ۋەزىپە ئورۇندىلىدۇ. 2018-يىلىدىن 2020-يىلىغىچە، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا بىرلەشتۈرگەن ئاساستا كېيىنكى ئورۇنلاشتۇرۇشلىرى داۋاملىق كېڭەيتىلىدۇ.شۈ بو، ليۇ دارېن خەۋىرى
جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر