باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بۇلتۇر ھۆكۈمەت بىرتۇتاش سېتىۋېلىش سوممىسى خامچوتتىكىدىن 188 مىليارد 700 مىليون يۈەن تېجەپ قېلىندى

2014.07.17 16:36         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ مالىيە مىنىستىرلىكىدىن ئىگىلىشىچە، 2013-يىلى مەملىكەت بويىچە ھۆكۈمەت بىرتۇتاش سېتىۋېلىش سوممىسى 1 تىرىليون 638 مىليارد 110 مىليون بولپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %17.2 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە ھۆكۈمەتنىڭ مەركەزلىك سېتىۋېلىش كۆلىمى 1 تىرىليون 75 مىليارد 200 مىليون يۈەن بولۇپ، سېتىۋېلىش ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ %65.6 ىنى ئىگىلىگەن.

  مالىيە مىنىستىرلىكى ئالاقىدار مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 2013-يىلى ھەر دەرىجىلىك مالىيە تارماقلىرى مالىيە چىقىمىنى قېلىپلاشتۇۇرۇش، مالىيە مەبلىغىدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقاتارلىق جەھەتتە ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلگەن. ھۆكۈمەت سېتىۋېلىش كۆلىمىنىڭ مەملىكەت بويىچە مالىيە چىقىمى ۋە ئىچكىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدە (GDP)ئىگىلىگەن نىسبىتى ئايرىم-ئايرىم %11.7 ۋە %2.9 بولغان، ئەمەلىي سېتىۋېلىش سوممىسىنى سېتىۋېلىش خامچوتى بولغان 1 تىرىليون 826 مىليارد 810 مىليون يۈەنگە سېلىشتۇرغاندا، تېجەلگەن مەبلەغ 188 مىليارد 700 مىليون يۈەن بولۇپ، تېجىلىش نىسبىتى %10.3 بولغان.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر