باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يېڭى بىر نۆۋەتلىك دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتى باشلاندى

2014.07.16 23:00         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن 15-چېسلا مەركەز كارخانىلىرىدا دۆلەت كاپىتالى مەبلەغ سېلىش شىركىتى سىنىقى، ئارىلاش مۈلۈكچىلىك ئىگىلىكى سىنىقى، مۇدىرىيەت ھوقۇق بېرىش سىنىقى، مەركەز كارخانىلىرىغا ئىنتىزام تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئەۋەتىپ تۇرغۇزۇش سىنىقىدىن ئىبارەت تۆت تۈرلۈك ئىسلاھات سىنىقىنى باشلىغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىدا ئەمەلىي قەدەم تاشلانغانلىقىدىن، يېڭى بىر نۆۋەتلىك دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنىڭ باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى پېڭ خۇاگاڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: دۆلەت تەرەققىيات-سېلىنما شىركىتى، جۇڭگو ئاشلىق-ماي گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىدە دۆلەت كاپىتالى مەبلەغ سېلىش شىركىتى سىنىقى ئېلىپ بېرىلىدۇ؛ جۇڭگو تېببىي دورا گۇرۇھى باش شىركىتى، جۇڭگو قۇرۇلۇش ماتېرىيالى گۇرۇھى شىركىتىدە ئارىلاش مۈلۈكچىلىك ئىگىلىكى سىنىقى ئېلىپ بېرىلىدۇ؛ شىنشىڭ جىخۇا گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى، جۇڭگو ئېنېرگىيە تېجەش-مۇھىت ئاسراش شىركىتى، جۇڭگو تېببىي دورا گۇرۇھى باش شىركىتى، جۇڭگو قۇرۇلۇش ماتېرىيالى گۇرۇھى شىركىتىدە ئالىي باشقۇرغۇچىلارنى تاللاپ تەكلىپ قىلىش، نەتىجە باھالاش ۋە مائاش باشقۇرۇش ھوقۇقىنى مۇدىرىيەت يۈرگۈزۈش سىنىقى ئېلىپ بېرىلىدۇ؛ يەنە دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى ئاساسلىق مەسئۇلىنى باشقۇرۇدىغان 2-3 مەركەز كارخانىسىدا ئىنتىزام تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئەۋەتىپ تۇرغۇزۇش سىنىقى ئېلىپ بېرىلىدۇ.

  پېڭ خۇاگاڭ مۇنداق دېدى: بىراقلا يولغا قويماي، ئاۋۋال سىناق قىلىشتا، مۇنداق ئۈچ نۇقتا كۆزدە تۇتۇلدى: بىرىنچى، سىناق قىلىش ئارقىلىق، دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى بىلەن كارخانىلار بىرلىكتە ئىسلاھاتتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ يولى ئۈستىدە ئىزدىنىدۇ؛ ئىككىنچى، سىناق قىلىش ئارقىلىق تەجرىبە جۇغلىنىدۇ؛ ئۈچىنچى، نۇقتا ئارقىلىق باشقا جايلار يېتەكلىنىپ، ئىسلاھات تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر