- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئالىي تەپتىش مەھكىمىسى «ئارىغا ئادەم سېلىشتىن ساقلىنىش» ھەققىدە بەلگىلىمە چىقاردى: 7 خىل ئەھۋالدا ئەنگە ئالدۇرۇش لازىم
2014.07.16 22:59 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دېلو ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرۈش، پاش قىلغۇچىنىڭ ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرۈش، دېلو ئۈچۈن ئارىغا ئادەم سېلىپ كۆڭلىنى بىلدۈرۈش قاتارلىق 7 خىل قىلمىشقا يولۇققاندا، تەپتىش خادىملىرى ھوشيارلىقنى ئاشۇرۇپ، مۇناسىۋەتلىك رەھبەرگە ۋاقتىدا دوكلات قىلىپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش-مەمۇرىي تەپتىش ئورگىنىدا ئەنگە ئالدۇرۇش كېرەك. يېقىندا، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى «ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىپ دېلو بېجىرىش ھەرىكىتىنى ئىچكى قىسىمدا نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئارىغا ئادەم قويۇش قاتارلىق يەتتە خىل كاشىلىدىن ساقلىنىش توغرىسىدىكى بىر قانچە بەلگىلىمە»نى ئېلان قىلىپ، ھەر دەرىجىلىك تەپتىش ئورگانلىرىدىن تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىپ دېلو بېجىرىش ھەرىكىتىنى ئىچكى قىسىمدا نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئارىغا ئادەم قويۇش قاتارلىق يەتتە خىل كاشىلىدىن ساقلىنىشنى تەلەپ قىلدى.
جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر