باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكىتىمىزدىكى 10 نەچچە ئۆلكىدە «سالتاڭ ئەمەلدارلار» تەكشۈرۈپ ئېنىقلاندى، «سالتاڭ ئەمەلدارلار» 5 تۈرلۈك ئىش ئورنىدا ئىشلىسە بولمايدۇ

2014.07.16 22:58         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى يېقىندا چۈشۈرگەن «جورىسى چەت ئەلدە (چېگرا سىرتىدا) ئولتۇراقلىشىپ قالغان دۆلەت خىزمەتچىلىرى ۋەزىپە ئۆتەيدىغان ئىش ئورنىنى باشقۇرۇش چارىسى»دە بۇنىڭدىن كېيىن، پارتكوم، خەلق قۇرۇلتىيى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەشلەرنىڭ رەھبەرلىك ئىش بەنزىسىنىڭ ئەزاسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 5 تۈرلۈك ئىش ئورنىدا «سالتاڭ ئەمەلدار»لار ۋەزىپە ئۆتىسە بولمايدۇ. ۋەزىپىدىكى «سالتاڭ ئەمەلدار»لار جورىسى (جورىسى يوق بولسا، پەرزەنتى)نى ۋەتەنگە قايتۇرۇپ كېلىشى، ياكى ئىش ئورنىنىڭ تەڭشىلىشىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك.

  5-ئايدىن ھازىرغىچە، مەملىكىتىمىزدىكى 10 نەچچە ئۆلكە ۋە مۇناسىۋەتلىك مىنىستىرلىك، كومىتېتلار «سالتاڭ ئەمەلدار»لارنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ ئېنىقلاشنى باشلىدى.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر