- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


جاڭ تيەنشىن كۈنمىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىلىقىدىن قالدۇرۇلدى، بۇندىن بۇرۇن ئۇ ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ دائىمىي ئەزالىقىدىن قالدۇرۇلغانىدى
2014.07.16 22:55 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يۈننەن ئۆلكىلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىدىن ئىگىلىشىمىزچە، 12-چېسلا يۈننەن ئۆلكىلىك پارتكوم جاڭ تيەنشىننى ج ك پ كۈنمىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىلىق، دائىمىي ئەزاسىلىق، ئەزاسىلىق ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇشنى قارار قىپتۇ.
خەلق تورى يەرلىك رەھبەرلىرى ماتېرىيال ئامبىرىدىكى مەلۇماتقا قارىغاندا، مۇشۇ ئاينىڭ 9-كۈنى، جاڭ تيەنشىن يۈننەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ دائىمىي ئەزاسى، كۈنمىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى سالاھىيىتىدە ئۆمەك باشلاپ بېرىپ شىچېڭ دېڭىز پورتى رايونىنى ئېچىش قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغان. 12-چېسلا، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى جاڭ تيەنشىن ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىشقا چېتىلغانلىقتىن ج ك پ يۈننەن ئۆلىكىلىك پارتكومنىڭ دائىمىي ئەزاسى، ئەزاسىلىق ۋەزىپىسىدىن قالدۇرغان.تاڭ جيايى خەۋىرى
جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر