باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بېيجىڭ 419 بۇلغىما ئازايتىش تۈرىنى بېكىتتى

2014.07.16 14:21         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ يېقىندا بېيجىڭ شەھەرلىك مۇھىت ئاسراش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، بېيجىڭ شەھىرى بۇ يىللىق بۇلغىما ئومۇمىي مىقدارىنى ئازايتىش كۆرسەتكۈچىنى ئورۇنداشقا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، 419 بۇلغىما ئازايتىش تۈرىنى بېكىتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنى ئازايتىش تۈرىدىن 115ى، سۇ بۇلغىنىشىنى ئازايتىش تۈرىدىن 304ى بار ئىكەن.

  بېيجىڭ شەھەرلىك مۇھىت ئاسراش ئىدارىسىنىڭ باش ئىنژېنېرى لى شياۋخۇا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 2014 – يىلى بېيجىڭ شەھىرى گۈڭگۈرت (Ⅳ) ئوكسىد، ئازوت ئوكسىد، كېرەكلىك خىمىيەلىك ئوكسىگېن مىقدارى ۋە ئاممىياك قاتارلىق تۆت ئاساسلىق بۇلغىما قويۇپ بېرىش ئومۇمىي مىقدارىنى ئالدىنقى يىلىدىكىدىن ئايرىم – ئايرىم %5، %5، %2 ۋە %2 ئازايتىشنى نىشان قىلدى، دېدى.

  ئىگىلىنىشىچە، دۆلەتنىڭ بۇلغىما ئازايتىشنى باھالاش چارىسىدە ئۈچ تۈرلۈك قىزىل سىزىق، يەنى ‹‹يىللىق بۇلغىما ئازايتىش كۆرسەتكۈچىنى ئورۇنداش››، ‹‹مەسئۇلىيەتنامىگە كىرگۈزۈلگەن تۈرلەرنى ۋاقتىدا تاماملاش›› ۋە ‹‹كۆزىتىش سىستېمىسىنى باھالاشتىن ئۆتكۈزۈش›› بېكىتىلگەن. ئەگەر بۇنىڭ ئىچىدىكى ھەرقانداق بىر تۈر باھالاشتىن ئۆتمىسە، بۇلغىما ئازايتىش باھالاشتىن ئۆتمىدى، دەپ قارىلىدىكەن. بېيجىڭ شەھىرىنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىللىق بۇلغىما ئازايتىش ئومۇمىي مىقدارىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسى مۇھىت ئاسراش تارماقلىرى تەكشۈرۈپ چىققاندىن كېيىن ئۇقتۇرۇلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر