باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىچكى موڭغۇل ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنى ئۆستۈردى مائاش ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %10 تىن ئاشتى

2014.07.16 14:19         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بۇ يىل 1 – ئىيۇلدىن باشلاپ ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈشنى قارار قىلدى، مائاش ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %10تىن ئاشتى. تۆۋەن كىرىملىك ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ مائاش سەۋىيەسىنىڭ ئىقتىسادنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ ئۆسۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئىچكى موڭغۇل ئۇدا بەش يىل ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنى ئۆستۈردى.

  مۇخبىرنىڭ يېقىندا ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئىچكى موڭغۇل رايونلارنى تۆت دەرىجە بويىچە ئايرىپ ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنى ئۆستۈرگەن، 1 – تۈردىكى رايونلارنىڭ ئايلىق مائاشىنى ئەسلىدىكى 1350 يۈەندىن 1500 يۈەنگە، 2 – تۈردىكى رايونلارنىڭ ئايلىق مائاشىنى ئەسلىدىكى 1250 يۈەندىن 1400 يۈەنگە، 3 – تۈردىكى رايونلارنىڭ ئايلىق مائاشىنى ئەسلىدىكى 1150 يۈەندىن 1300 يۈەنگە، 4 – تۈردىكى رايونلارنىڭ ئايلىق مائاشىنى ئەسلىدىكى 1050 يۈەندىن 1200 يۈەنگە ئۆستۈرگەن.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىچكى موڭغۇل پۈتۈن كۈنلۈك ئىش تۈزۈمىدە بولمىغان خىزمەتلەرنىڭ سائەتلىك ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنى مۇناسىپ ھالدا ئۆستۈرگەن، 1 – تۈردىكى رايونلارنىڭ سائەتلىك مائاشىنى ئەسلىدىكى 11.4 يۈەندىن 12.2 يۈەنگە، 2 – تۈردىكى رايونلارنىڭ سائەتلىك مائاشىنى ئەسلىدىكى 10.6 يۈەندىن 11.4 يۈەنگە، 3 – تۈردىكى رايونلارنىڭ سائەتلىك مائاشىنى ئەسلىدىكى 9.7 يۈەندىن 10.5 يۈەنگە، 4 – تۈردىكى رايونلارنىڭ سائەتلىك مائاشىنى ئەسلىدىكى 8.9 يۈەندىن 9.7 يۈەنگە ئۆستۈرگەن.

  ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى مۇنۇلارنى ئېنىق بەلگىلىدى: ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى پۇلى، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى پۇلى، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى پۇلى ۋە تۇرالغۇ جامائەت فوندىنىڭ شەخسلەر تاپشۇرىدىغان قىسمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، ئۇزارتىلغان خىزمەت ۋاقتى مائاشى، چۈشلۈك ئىسمېنا، كېچىلىك ئىسمېنا، يۇقىرى تېمپېراتۇرا، تۆۋەن تېمپېراتۇرا، قۇدۇق ئاستىدا ئىشلەش، زەھەرلىك، زىيانلىق ئەھۋال قاتارلىق ئالاھىدە شارائىتتىكى تولۇقلىما پۇلى، قانۇن – نىزامدا بەلگىلەنگەن ۋە دۆلەت بەلگىلىگەن ئەمگەكچىلەرنىڭ پاراۋانلىق تەمىناتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ.

  بەلگىلىمە بويىچە، ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنى يولغا قويغان ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار يەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرىغا ۋاقتىدا بېرىپ ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر