- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
جۇڭگو-كورېيە پاسپورتىدا ۋىزىنى كەچۈرۈم قىلىش دائىرىسىنىڭ كېڭىيىشىدە ئۈمىد بار، ھەمكارلىشىپ كىنو ئىشلەش كېلىشىمى ئىمزالاندى
2014.07.08 02:02 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن بۈيۈك كورېيە جۇمھۇرىيىتى سىئۇلدا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن بۈيۈك كورېيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىرلەشمە باياناتى» نى ئېلان قىلدى. «بىرلەشمە بايانات»تا ئىككى دۆلەت دۆلەت باشلىقلىرى سىياسىي بىخەتەرلىك ساھەسى، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقى ساھەسى، ئادىمىيەت ئالاقىسى ساھەسى خىزمىتىنى ئالغا سۈرۈش ھەققىدە كېڭىشىپ بىر پىكىرگە كەلدى. بۇنىڭ ئىچىدە، ئىككى تەرەپ ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ پاسپورتىدا ۋىزىنى كەچۈرۈم قىلىش كېلىشىمى ھەققىدە ئورتاقلىق ھاسىل قىلدى ۋە ۋىزىنى كەچۈرۈم قىلىش دائىرىسىنى باسقۇچلار بويىچە كېڭەيتىش ھەققىدە پائال كېڭىشىشىكە پۈتۈشتى. جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر