باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئۆلكە-مىنىستىر دەرىجىلىك ئەمەلدارلار ئارقا-ئارقىدىن تەڭشەلدى

2014.07.08 01:55         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، مەركەز بىلەن يەرلىكتىكى ئۆلكە-مىنستىر دەرىجىلىك ئەمەلدارلار ئارقا-ئارقىدىن تەڭشەلدى. بىر قىسىم مىنىستىرلىك ۋە كومىتېتلارنىڭ رەھبەرلىك ئورنىدا كونا-يېڭى ئالمىشىش ئەمەلگە ئاشتى، يېڭىدىن ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن ئەمەلدارلاردىن دۆلەتنىڭ ئىسلاھات مەقسىتى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ.

  كۆپلىگەن مىنىستىرلىك-كومىتېت رەھبەرلىرىنىڭ سەپلىنىشى تەڭشەلدى ھەمدە كونا-يېڭى ئالمىشىش ئالاھىدىلىكى روشەن بولدى

  3-، 4-ئايدىكى كادىرلارنى تەڭشەشتىن كېيىن، يېقىندا گوۋۇيۈەننىڭ كۆپلىگەن تارماقلىرىنىڭ رەھبەرلىك بەنزىسى يەنە بىر قېتىم تەڭشەلدى، بۇ تەڭشەش سودا ئىشلىرى مىنىستىرلىقى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى، دۆلەت يېمەكلىك-دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى، گوۋۇيۈەن مۇھاجىرلار ئىشلىرى ئىشخانىسى قاتارلىقلارغا چېتىلىدۇ. كۆزىتىشتىن مەلۇمكى، بۇ نۆۋەتلىك كادىرلارنى تەڭشەپ تەرتىپكە سېلىشنىڭ كۆپىنچىسى ئەمەلدارنىڭ ياش مەسىلىسى سەۋەبىدىن ئېلىپ بېرىلغان. جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر